جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى
10:49:23 2025-01-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«بۇ تەكلىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشىغا ئېرىشتى، بىز بۇنىڭدىن زور ئىلھاملاندۇق» دېدى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا.

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدا، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئەزالاردىن سېرىك قابىكەن، سۇ يوۋلى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى سۇنغانىدى. بۇ تەكلىپ 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپى قىلىپ بېكىتىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى 20 نەچچە ئورۇن بىلەن بىرلىكتە ئورتاق بېجىردى.

تەكلىپلەرنى بېجىرىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش- ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك ياخشى بېجىرىشىگە تۈرتكە بولدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەكلىپنى بىرلىكتە بېجىرىدىغان ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن بىللە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتى لايىھەسى تۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» تېمىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلامدا نەزەرىيەدىن لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، «بىزنىڭ بايرىمىمىز» قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پىلانىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە 4 مىليون 546 مىڭ 400 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن «قول تۇتۇشۇپ» قوشماقلاشتى، دوستلاشتى...

«بۇ تەكلىپنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىدىن ئىنتايىن رازى بولدۇم.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى ئۇچۇر باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇ يوۋلى مۇنداق دېدى: بىر قاتار تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ بۇ نۇقتىغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

بۇلتۇر، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى جۇلالاندۇردى؛ قىزغىن قويۇلغان «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان تۇرمۇش مەنزىرىسىنى جانلىق نامايان قىلدى؛ دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىدا جاي- جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن كەڭ دائىرىدە دوستلۇق ئورنىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىلىرى ھەممە يەرگە تارالدى؛ «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېكنىڭ دۆلەت مۇھەببىتى سانسىزلىغان جۇڭگولۇقنى تەسىرلەندۈردى... بىر مەقسەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشتىكى تەسىرلىك مېلودىيەلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ياڭرىدى.

«شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.» مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى، تۈرلۈك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سورۇنلىرىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىۋاتقانلىقى، ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقى، يۇغۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۇتقا ۋە ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 101ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14ى بەرپا قىلىندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى. 

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دانا تەكلىپلەرنى بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمەن» دېدى سۇ يوۋلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125