جاڭ خەيجۈن: شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇش ھىدىنى ھەر تەرەپكە تارىتىمەن
10:52:58 2025-01-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

1- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ خەيجۈن شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى جەمئىيىتىدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ۋاڭجياگوۋغا بېرىپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى بويىچە كۆرگەزمە قىلىش- سېتىش توپلاشقان جاي بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۈزۈم ھارىقى بىلەن كۆپ كەسىپنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، ھەم زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم.» جاڭ خەيجۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەن ئىزچىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، كارخانا ۋە يېزا- كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلەپ، ئەستايىدىل تەۋسىيە يېزىۋاتىمەن.

جاڭ خەيجۈن خۇنەنلىك بولۇپ، 2010- يىلى تۇرپانغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ تۇپراقنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ قالدى. تۇرپان دۆلەت ئىچى- سىرتىغا داڭلىق ئۈزۈم ھەم قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشلىرى راۋاجلىنىۋاتقان بەختلىك ماكان ئىدى. جاڭ خەيجۈن بۇ يەردە ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر ئۇ تۇرپان لوۋلەن ھاراقچىلىقى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن جاڭ خەيجۈن ئۈزۈم پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش، كارىزنى قوغداش، ئورمانچىلىقتا كاربون يىغىشنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆپ ساندىكى تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆز خىزمىتى، كەسپىي ئەۋزەللىكى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنى ئاساس قىلغانىدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئۇ تۇرپان شەھىرىدىكى ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، «بىردەك ھەرىكەت قىلغۇچىلار» سۈپىتىدە بىرلىشىپ شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇردى، بۇ شىركەت 2024- يىلى 12- ئايدا يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونى داڭلىق ماركىسىنى باشلامچى بولۇپ يېتىشتۈرۈپ، ئاممىۋى تىجارەت سۇپىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇندى. جاڭ خەيجۈن يەنە تۇرپان ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش تۈرىنى يولغا قويۇشىغا باشلامچىلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىشكە، تەربىيەلىنىشكە پائال تەشكىللەپ، ئۈزۈمچىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ھازىر، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى ئۈزۈم ھەم ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خاسلىقى، ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تۆت چوڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى شەكىللەندۈردى، ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ھەم ھاراقچىلىق دۇكىنى 150تىن كۆپرەككە يەتتى. «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە شۇ جايدىكى ئۈزۈم ھارىقى كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇش ھىدىنى ھەر تەرەپكە تارىتىمەن» دېدى جاڭ خەيجۈن.

شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەندىن سىرت جاڭ خەيجۈن بۇ يىل يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشقا ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاقىدار تەۋسىيەلەرنى يازدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125