ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 14- كۈنى 40 كۈن داۋاملىشىدىغان 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلانغان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 5 مىليون 660 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇشنى مۆلچەرلىگەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن كۈنىگە تەخمىنەن 182 يولۇچىلار پويىزى، باھار بايرىمىدىن كېيىن كۈنىگە تەخمىنەن 190 يولۇچىلار پويىزىنى ماڭدۇرىدىكەن، تىرانسپورت كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكىدىن %12 ئەتراپىدا ئېشىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرىدىكەن. شىنجاڭ سىرتى ئاساسلىقى شاڭخەي، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، ۋۇ چاڭ، لەنجوۋ قاتارلىق يۆنىلىشلەر، شىنجاڭ ئىچى ئاساسلىقى قەشقەر، كورلا، غۇلجا، بورتالا، قاراماي قاتارلىق يۆنىلىشلەر ئىكەن.
شۇ كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۇنجى قېتىم «تىيانشان قار لەيلىسى» يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت داڭلىق ماركىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ھەمدە پۈتۈن يىللىق تىجارەت خىزمىتىدە توشۇش كۈچىنى ئىلمىي ئاجرىتىپ، بېلەت سېتىش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، كۈتۈش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۆمۈريول يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئىللىق سەپەرگە چىقىش تەسىراتىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«داڭلىق ماركا مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرانسپورت كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يولۇچىلار ئېقىمى مەركەزلەشكەن رايون ھەم يۆنىلىشىدە، يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۇ مىڭمىڭ.
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ۋاگون، لىنىيە، خادىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ، يولۇچىلار پويىزلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قاتنىتىش، ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى قايتا بىرىكتۈرۈش، پويىزلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، تۆمۈريول 12306 تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىش، توردا ئورۇن تاللاش، ئۇچۇرنى ئالدىن تولدۇرۇش، سېتىشنى ئەسكەرتىش ۋە تۆمۈريول راۋان يۈرۈش كودى قاتارلىق ئىقتىدارلار ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشى ۋە سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، خېرىدارلار مۇلازىمىتى ئۈسكۈنىلىرى، يۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، يۈك- تاق كۆتۈرۈش ھەم قاچىلاش- چۈشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ؛ ۋۇگزالغا كىرىش- چىقىش لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسلىق يولۇچىلار بېكەتلىرىنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئۇزارتىپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا تېز كىرىش- چىقىش ۋە پويىز كۈتۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ يولۇچىلار زىچ توپلاشقان پويىز كۈتۈش زالى، مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق رايونلارغا خىزمەتچى خادىملارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، راۋانلاشتۇرۇش، ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ پويىزلاردا تاماق بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى كۆڭۈللۈك، خاتىرجەم تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.