شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 1- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ جيەنشىن، لى ياتىڭ) «ئۈچىنچى چىللە» بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىل بولۇپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان «قىشلىق كېسەل»لەرمۇ كۆپ كۆرۈلۈش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، سۇنى كۆپ ئىچىش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.
تيەنجىن شەھەرلىك 1- مەركىزىي دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال تېببىي 1- بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ شياۋفېي مۇنداق دېدى: ئادەم بەدىنىدىكى نەپەسلىنىش سىستېمىسى، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر سىستېمىسى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەڭ سەزگۈر بولۇپ، ھەر يىلى 1- ئايدىن 2- ئاينىڭ باشلىرىغىچە، بولۇپمۇ سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدى- كەينىدە، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، زىققا قاتارلىق نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئالاقىدار كېسەللىك مىساللىرىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاغرىقلار بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ۋاڭ شياۋفېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: قىش پەسلىدە يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىپ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىمالدا ئۆي ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ياشانغانلار، ھامىلىدار- تۇغۇتلۇق ئاياللار، بوۋاقلار- گۆدەكلەر ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر سىستېمىسى ياكى نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئىسسىق- سوغۇق مۇھىتنىڭ تەكرار ئالمىشىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، سالامەتلىك ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى، بىئاراملىق كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار دورا ئىچىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي كېسەللىكلەرنى پائال كونترول قىلىشى، كۈندىلىك قان بېسىمى، قان شېكىرىنى پات- پات ئۆلچەپ تۇرۇشى، بىنورمال داۋالغۇش كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بەدەن چېنىقتۇرغاندىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىش پەسلىدە بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، ھەرىكەتتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىش ۋە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ھەرىكىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەرىكەت جەريانىدىمۇ مۇۋاپىق ۋە ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى