باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ئۇزارتىلدى
16:50:49 2025-01-17 قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

سۈرەتتە: قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى خام بازىرى مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا پانۇسلار ئېسىلىپ، بايرام كەيپىياتى قويۇقلاشتى.

 بىر مەيدان كېچىلىك بىر شەھەرنىڭ داڭقىنى چىقاردى. مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تۇنجى قېتىم شىنجاڭ قەشقەردە شۆبە مەيدان تەسىس قىلدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ لايىھەلەنگەن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسى قەشقەردە ساقلاپ قېلىندى. كېچىلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن قاينام- تاشقىنلىق يەنىلا ساقلىنىپ، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى جانلاندۇردى.

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنىپ، يېڭى مېلودىيە يۇغۇرۇلدى

 باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەرنى جانلاندۇردى. بۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساۋيادى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكىنىنىڭ قۇرغۇچىسى لى خۇيلىنىڭ روشەن تەسىراتى. ئۇ تېرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ ئىجادىيەت ماتېرىيالى قىلىپ، تېرە ئويمىچىلىق سەنئىتى ئەنئەنىۋى ماھارىتى بىلەن زامانىۋى ئىدىيەنى بىرلەشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى، «مېنىڭ ئەسەرلىرىمدە ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىندى، ھەم ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى» دېدى لى خۇيلى.

 باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىدە، قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى ئەجدىھا، شىرنىڭ جۇشقۇن ھالىتى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى بۈگۈنكى كۈندە قەشقەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تېز تەرەققىي قىلدى.

 باھارنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەردىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىلىرىمۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلەر مەشىق مەيدانىدا جاپاغا چىداپ ماھارەت مەشىق قىلىپ، چوڭ- كىچىك كوچىلاردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىدە قاينام- تاشقىنلىققا چۆمۈپ، قىزغىن تىلەكلىرى ۋە ۋايىغا يەتكەن ماھارىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلماقتا ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرماقتا.

 باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى سەھنە لايىھەسىدە قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلىدىكى ئەمەلىي ئىمارەتلىرى بىلەن «خىيالىي ئىمارەت»شەكلى تېخىمۇ ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، چىراغ نۇرلىرى ئارىسىدا ئەكس ئېتىپ تۇرغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچە ئاسمىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تۈرى 2024- يىللىق ئاسىيا يورۇتۇش لايىھەسى مۇكاپاتى مۇسابىقىسىدە «ئالاھىدە نۇر» شەرىپىگە ئېرىشىپ، قەشقەرنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

 باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئۈنۈمى قەشقەردە تولۇق نامايان قىلىندى، قەشقەر «قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان قەشقەر»، «قەشقەردە ئۇچرىشىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن نومۇرلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قەدىمىي شەھەر ناخشا- ئۇسسۇللىرى» ۋە كارتون فىلىم «بەن چاۋ»نىڭ سېنارىيە ئىجادىيىتىنى تاماملىدى؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ناخشا- ئۇسسۇل «كاچۇڭ سەنىمى» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەييارە ئويۇنىغا قاتناشتۇرۇلدى ھەم توققۇز مەيدان قېتىم باشلىنىش نومۇرى ۋە ئاخىرقى نومۇر سۈپىتىدە 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىننى جەلپ قىلىپ، «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» داڭلىق ماركىسىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇردى.

 2024- يىلى، قەشقەر ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سەنئەت تەشكىلاتلىرى رېئال تېمىدىكى 200دىن ئارتۇق ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسىرىنى ئىجاد قىلىپ، 2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا مۇنەۋۋەر تىياتىر نومۇرى كۆركى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل، ئېتۇت، سېرك قاتارلىق مۇكاپات تۈرلىرى بويىچە 22 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى ۋە كۆرەك پائالىيىتى ئارقىلىق، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

جەزبىدارلىق نامايان قىلىنىپ، ساياھەتچىلىك گۈللەندۈرۈلدى

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى خۇددى يۆتكىلىپ تۇرغان يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايتتى، قەدىمىي ئىمارەتلەر رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى ئارىسىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى، جىمجىت تار كوچىلارنى مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى قاپلىغان بولۇپ، ھەربىر ساياھەتچىنىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى.

 خام بازىرى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى قوش چىنار تونۇر كاۋاپ تائاملىرى ئالدىدا، لوبەن بۇخلىچىگۈل ئەركىن قىزغىنلىق بىلەن خېرىدار چاقىرىۋاتاتتى، ئانار شەربىتى، سامسا يايمىسى ئالدىدا مۇزىكىلار گاھ پەسىيىپ، گاھ ئەۋجىگە چىقىپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى.

 باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى قىزغىنلىقتىن پايدىلىنىپ، بۇخلىچىگۈل ئەركىن كوچىنىڭ ئۇدۇلىدا يەنە ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە تونۇر كاۋاپخانىسى ئاچتى.

 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى قالتىس نامايان بولغاندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە قاينام- تاشقىنلىق دەرىجىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، توردا ئىزدەش قىزغىنلىقى ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا %270 ئاشتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە %1456 ئاشتى. 2024- يىلىدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى دۆلىتىمىز ئىچىدىن كەلگەن جەمئىي 41 مىليون 984 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت كىرىمى 35 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يەتتى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئېقىم مىقدارى ھەقىقىي «ئېلىپ قېلىش» مىقدارىغا ئايلاندى.

 گۇيياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى لۇڭ شۆراۋنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرى مول بولۇپ، ئۇ، شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى ۋە يىپەك يولىدىكى كارۋان ئويۇنىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا دورىلىق چايغا ئېغىز تەگدى، ساپال ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە قەغەز قىيما سېتىۋالدى ھەم چىرايلىق ئەتلەس كىيىملەرنى كىيدى.

 قەشقەر ۋىلايىتى مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىياتىدىكى «تەمىنلەش پونكىتى»نى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى تەشكىللەپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىنى قانات يايدۇردى ھەم دۆلەت Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارىيى قاتارلىق كۆپلىگەن ساياھەت داڭلىق ماركىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى مىسلىسىز ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى تۈس قوشۇلدى

 مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانى كېچىلىكىدىكى «كېچە مەنزىرىسى»داڭق چىقىرىپ، قەشقەرنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نامايان قىلىپ، قەشقەرنىڭ مول مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىغا تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەلپۈندۈردى. ساياھەتچىلەر كوئېنلۇن مۇنارىدا تۇرۇپ ئېگىزدىن نەزەر سالغاندا، قەشقەرنىڭ قويۇق تارىخىي ئاساسقا ئىگە مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا ھەممىلا يېرى ھاياتىي كۈچكە تولغان زامانىۋى شەھەر ئىكەنلىكىنى ئىختىيارسىز ھېس قىلىدۇ.

 بىر يىلدىن بۇيان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، قەدىمىي يادىكارلىقلار كوچىسى، ئىشىك- دېرىزە كوچىسى قاتارلىق خاس كوچا رايونلىرى ھەم تۈۋرۈك مۇنار، دوپپا تېمى قاتارلىق توردا ئالقىشلانغان داكا نۇقتىلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى سەيلە- ساياھەت قىلىش، داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. قەشقەر دېڭىز- ئوكيان سارىيى، ئىپارخان ئائىلىۋى مېھمانخانا توپى قاتارلىق نۇقتىلىق مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە قۇرۇلۇشى قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىگە تېخىمۇ يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

 بۇ بىر يىلدا، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش باش تېما نومۇرى «قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان قەشقەر» ئورۇنلاندى، ئويۇن كۆرسىتىلگەندىن بۇيان، ھەربىر مەيدان ئويۇن كۆرۈرمەنلەر بىلەن لىق تولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ساتارنىڭ تارىسى»، جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر . ئوتتۇرا ئاسىيا- جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار سودا يەرمەنكىسى «‹بىر بەلباغ، بىر يول› كاتتا مەرىكىسى» ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى، جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈش ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى پائالىيەتلىرىمۇ كەينى- كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىدە 145 مەيدان ئويۇن قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرگە مول، رەڭدار مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلىندى.

 باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىدە، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى كىيگەن كىيىم- كېچەكلەر ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈش بازىرىدىكى تېخىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شىيۈ سۈرەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام تەۋەككۇل مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ساياھەتچىلەر بىرقەدەر كۆپ، بىز‹قىشتىمۇ تىجارەتنى توختاتماسلىق› ئەندىزىسىنى يولغا قويدۇق، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۇكىنىمىزدىكى نۇرغۇن كىيىم- كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ پاسونىنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق».

 2024- يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت سۈرەتخانىسى ئەسلىدىكى 165تىن 175كە كۆپىيىپ، مەنزىرە رايونىدىكى گىرىم قىلىش- ئوبراز يارىتىش، كىيىم- كېچەك لايىھەلەش- تىكىش، زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

 بۇ بىر يىلدا، قەشقەر ۋىلايىتى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى كۈچەيتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئېقىم مىقدارى»نى «ئىستېمالنى ئېلىپ قېلىش مىقدارى»غا ئايلاندۇردى، بىر قاتار تەدبىرلەر «شىنجاڭ ياخشى جاي، قەشقەرگە كەلمىسە شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دېگەن ماركىنىڭ داڭقىنى چىقاردى، بۇ ماركىنى پۈتۈن مەملىكەتكە، پۈتۈن دۇنياغا تونۇتتى. (مۇخبىر لېي مۇگو، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئەلفىرە، ئىلغارجان)


مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125