مىڭ يىللىق يىپەك يولى، بىر كۆرۈشتىلا يېقىملىق تۇيۇلىدىغان تۇرپان. 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىش پەسىللىك ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمىدا، تۇرپان كۆرگەزمە سارىيى قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت پۇرىقى بىلەن كۆپلىگەن سودىگەر ۋە ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى. پۈتۈن كۆرگەزمە سارىيىنىڭ شەكلى تۇرپاننىڭ بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولغان چۈنچىگە ئوخشىتىلغان، كۆرگەزمە سارىيىدا خام كېسەك ئىمارەت، تەبىئىي مەنزىرە، تارىخىي مەدەنىيەت، ئادىمىيەت مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىقلار يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىنى قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.
ئاساسەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جياڭسۇنىڭ ۋۇشى خۇيشەن قەدىمىي بازىرى مەنزىرە رايونىمۇ ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ، تىقما- تىقما بولۇپ كەتكەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى ــــ 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «تۇرپاندىكى كاتتا مۇراسىم» پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە قويۇلۇپ، شۇ كۈنى ۋۇشى بېكىتىگە يېتىپ كەلگەنىدى. تۇرپان تۇپرىقىدىن چىققان بۇ چوڭ تىپتىكى ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا تۇرپاننىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇلى قاتارلىق ئامىللار يۇغۇرۇلغان بولۇپ، 2011- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي سىرتتا قويۇلغان، كۆپ قېتىم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت، سەنئەت ساھەسىنىڭ نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، لەنجوۋ، شىئەن قاتارلىق جايلاردا جەمئىي 1500 مەيداندىن ئارتۇق قويۇلۇپ، 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىننى نەپكە ئېرىشتۈرگەن.
«ئوت يۇرتى» تۇرپان يىپەك يولىدىكى دۇنياغا داڭلىق جاي، يەر يۈزىنىڭ چوغدەك قىزىقلىقى، ئۈزۈمىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق، تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى ئۇنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىدۇر. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلغان ۋە يۇغۇرۇلۇپ ئۇچراشقان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخ ئاسمىنىنى يورۇتقان. تۇرپاندا پىيادە ماڭسىڭىز، خۇددى يىپەك يولىنىڭ تارىخىدىن كېسىپ ئۆتكەندەك، قەدەمدە بىر ھەيرانلىققا چۆمىسىز. ئۇ، يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيلىك يەر بەلگىسى بولۇپ، شىۋېتسىيەلىك شەرقشۇناس گۇننار ياررىڭ ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ باي ئۈستى ئوچۇق ئارخېئولوگىيە مۇزېيى» دەپ ئاتىغان.
مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر يىپەك يولى تارىخىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى
2022- يىلى 7- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۇرپانغا جايلاشقان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ــ يارغول قەدىمىي شەھىرىگە كەلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يارغول قەدىمىي شەھىرى يىپەك يولىدىكى قاتناش مۇھىم يولى، جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ بىر مۇھىم گۇۋاھچىسى بولۇپ، مۇھىم تارىخشۇناسلىق قىممىتىگە ئىگە. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يارغول قەدىمىي شەھىرى (سۈرەت توردىن ئېلىنغان)
«دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل خارابىلىك» دەپ ئاتالغان يارغول قەدىمىي شەھىرى يارناز جىلغىسىدىكى تۆپىلىككە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپى تىك قىيا، ئەڭ ئېگىز يېرى 30 مېتىرغا يېتىدۇ. قەدىمىي شەھەر دەريا سۈيىنىڭ يالاپ ئېقىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن بىر پارچە بوستانلىق بولۇپ، شەكلى سۆگەت يوپۇرمىقىغا، يەنە قولۋاققا ئوخشايدۇ. «خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە: «ئالدىنقى چېشى بەگلىكى يارغول شەھىرىگە جايلاشقان، دەريا ئېقىنلارغا بۆلۈنۈپ شەھەرنى ئايلىنىپ ئاقىدىغان بولغاچقا، يارغول دەپ ئاتالغان» دەپ خاتىرىلەنگەن. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا يارغول شەھىرىنىڭ چاڭئەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 8150 چاقىرىم بولۇپ، 700 ئائىلىلىك جەمئىي 6050 كىشى، 1865 تۇرۇشلۇق ئەسكەردىن تەركىب تاپقان، 8000غا يېقىن كىشى بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىكەن.
يارغول قەدىمىي شەھىرى بىر سىرلىق شەھەر، كەڭ تۇپراققا «نەقىشلەنگەن» شەھەر. پۈتۈن شەھەر تەبىئىي يەر شەكلىگە ئاساسەن سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇشلار كولاپ ياسالغان، چوڭ كوچىلار يەر ئاستىنى ئالتە- يەتتە مېتىر كولاپ ياسالغان، شەھەر ئەتراپىدىكى قېلىن خام توپا قەۋىتى سېپىل تام ھېسابلىنىدۇ. ئۆزگىچە قۇرۇلۇش شەكلى، قەدىمكى دەۋردىكى ئەجدادلارنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھازىر ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان خام توپا قۇرۇلۇش خارابىسى ھېسابلىنىدۇ. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ شەھەر ئاۋات مەركىزىي شەھەر دەپ ئاتالغان − جەنۇبىي قىسمى قۇرۇلۇشلار زىچ، قايناق ئاھالىلەر تۇرمۇش رايونى؛ ئوتتۇرا قىسمى سەلتەنەتلىك، ھەيۋەتلىك ھۆكۈمەت مەھكىمە رايونى؛ شىمالىي قىسمى بولسا كۆلىمى زور بۇددا ئىبادەتخانىسى ھەم شەرقىي شىمال بۇددا ئىبادەتخانىسى، غەربىي شىمال بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن تەركىب تاپقان ئىبادەتخانا رايونى... بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي شەھەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئارىسىدا ماڭغاندا، شەھەر سېپىلى، كوچا، بۇددا ئىبادەتخانىسى، ھۆكۈمەت مەھكىمىسى، ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى قاتارلىقلارنىڭ ئىزلىرىنى يەنىلا ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، خۇددى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مىڭ يىلنى كەزگەندەك بولىسىز.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي- مەمۇرىي ئاپپاراتى بولغان ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئەڭ دەسلەپتە يارغولدا تەسىس قىلىنغان. يارغول دېگەن ئىسىم تاڭ سۇلالىسى شېئىرلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، «كۈندۈزى تاغقا چىقىپ سالدۇق نەزەر تۇر ئوتىغا، گۇگۇم چۈشكەندە ئاتنى سۇغاردۇق يارغول دەرياسىدا» «ھەسرەت- نادامەتتە ئايرىلدۇق يۇرتتىن، ئۇزاق يول بېسىپ كەلدۇق يارغولغا»...
2014- يىلى، يارغول قەدىمىي شەھىرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «يىپەك يولى: چاڭئەن− تىيانشان كارىدورى يول تورى»غا يەنە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى، قىزىل مىڭئۆي، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە قىزىلقاغا تۇرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىمۇ تۇرپاندا بولۇپ، يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىدە، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى شەھەرنىڭ شەرقىدە ئىدى.
قىزىل رەڭلىك يالقۇنتاغ ئېتىكىدە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ شەھەر رايونىدىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۆللۈكتە بىر پارچە غايەت زور ھەم قاقاس خارابىلىك بار، مانا بۇ خەن، تاڭ سۇلالىلىرى تارىخىدىكى مەشھۇر يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر− ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 48- يىلى، خەن يۈەندى بۇ يەردە بوز يەر ئېچىپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش سالدۇرغان، بۇ تارىختا «ئىدىقۇت توسۇقى» دەپ ئاتالغان. ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ ھاكىمىيىتى تۇرپاندا ئىدىقۇت ۋىلايىتى تەسىس قىلغان. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىجۇ ئايمىقىنى ئىدىقۇتقا قويۇپ، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەۋەلىكىگە كىرگۈزگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، يالقۇنتاغ ئېتىكىدە ئۇرۇش ئوتى ئۈزۈلمىگەن، ئىدىقۇت شەھىرى نۇرغۇن ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، تارىخ سەھنىسىدىن تەدرىجىي چېكىنگەن.
ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەكلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭئەن شەھىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 2 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىنمۇ چوڭ. سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلى يىپەك يولىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بۇ جاينى دۇنيا تاۋار سودىسىدىكى يىغىش- تارقىتىش ئورنىغا ئايلاندۇرغان، نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 مىڭغا يېقىنلىشىپ، ئەينى چاغدىكى خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلانغان. ئەينى چاغدا «شەرقتىكى بىرىنچى قەلئە» دەپ نام ئالغان ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىدە، شەھەر ئىچىگە نۇرغۇن خارابىلىكلەر تارقالغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان يېزىقتىكى يازما قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان. بۇ تارىخىي يادىكارلىقلار تۇرپاننىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىم مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.
2023- يىلىنىڭ بېشىدا، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شەن جىشياڭ تۇرپانغا كېلىپ، يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. ئۇ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى بىردەك يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت. بىپايان چۆل- باياۋان مەدەنىيەتنىڭ شانلىق نۇرىنى كۆمۈۋېتەلمىدى، ئەكسىچە، دەۋرنىڭ ئالغا سىلجىشىغا ئەگىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قوغدىشىدا، يېڭى تەرەققىياتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، تېخىمۇ ئۆزگىچە نۇر چاچماقتا.
يىپەك يولىدىكى گۆھەر مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئىزنالىرىنى يۇغۇردى
ياز كېچىسىدىكى تۇرپان مۇزېيىدا، چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى ـــ تۇرپان مۇزېيىنىڭ «ئاجايىپ كېچە» پائالىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۇ جاينىڭ ئەڭ ئالقىشلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
تۇرپان مۇزېيى (سۈرەت توردىن ئېلىنغان)
تۇرپان مۇزېيى شىنجاڭدىكى دۆلەت 1- دەرىجىلىك ئۈچ مۇزېينىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىلەن تەڭ نام چىقارغان. يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر تۇرپاننىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان مۇھىت بۇ يەردە نۇرغۇن كەم ئۇچرايدىغان گۆھەرلەرنى ساقلاپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مىڭ يىللىق ئۆچمەس يىپەك يولىدىكى گۆھەرلەر كۆرگەزمە ئىشكاپىغا جىمجىت تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى.
تۇرپان قەدىمكى دەۋر يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى دەۋردە شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى ئۆتەڭ بېكەت بولغان. جى شيەنلىن ئەپەندى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا تارىخى ئۇزاق، يېرى كەڭ، ئۆز ئالدىغا سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن، تەسىرى چوڭقۇر مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن پەقەت تۆتى بار: بۇلار جۇڭگو، ھىندىستان، يۇنان، ئىسلام مەدەنىيەت سىستېمىسى بولۇپ، يەنە بەشىنچىسى يوق... نۆۋەتتە، بۇ خىل قوشۇلۇش ھادىسىسى ۋە قوشۇلۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان، شەرت- شارائىتى بار بولغان رايون بەلكىم دۇنخۇاڭ بىلەن شىنجاڭ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى تۇرپان ھېسابلىنىدۇ. تۇرپان ئويمانلىقى جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدا بولۇپ، ياز پەسلىدە ھاۋا بەك ئىسسىق، پۈتۈن يىللىق ھۆل- يېغىن مىقدارى ئاز، ئالاھىدە كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت زور مىقداردىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان ھەم يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا سەۋەب بولغان. 3- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇرپان تەۋەسىدە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسىدىن 1491ى بار بولۇپ، يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، بېزەكلىك مىڭئۆي، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، ئاستانە قەدىمىي قەبرە توپى، كارىز يەر ئاستى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، ياڭخەي قەدىمىي قەبرە توپى، تۇيۇق مىڭئۆيى قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق ئىكەن.
تۇرپان مۇزېيىدىكى يىپەك يولى گۆھەرلىرىدىن كىشى كۆزىنى ئۈزەلمەيدۇ. تومۇزغا قانىتىدەك نېپىز، تەڭداشسىز ئېسىل خەن، تاڭ سۇلالىلىرى كىمخابى، شايى، يىپەك قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ۋېي، جىن سۇلالىلىرى، 16 بەگلىك مەزگىلىدىكى تەقدىرداش قۇش كەشتىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۈل- گىياھ، قۇش نەقىشلەنگەن كىمخاب قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەم ئۇچرايدىغان گۆھەرلەردۇر. تۇرپان پۈتۈكلىرىنىڭ قېزىۋېلىنىشى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، 1000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى پۈتۈم، ھېسابات دەپتىرى، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، خۇسۇسىي خەت- چەك قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللار كىشىلەرگە ۋېي، جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەردىن سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى تۇرپانلىقلارنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سوغدى يېزىقى، خۇيخۇ يېزىقى، سانسىكرىت يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردا پۈتۈلگەن ھۆججەتلەر تېخىمۇ ئەتىۋارلىق. قەدىمىي جەسەتلەر كۆرگەزمىخانىسىدا ئىدىقۇت خانلىقى مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى جاڭ نىڭ بىلەن ئايالىنىڭ قۇرۇق جەسىتى خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، مىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى سالاپىتى غۇۋا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.
تۇرپان كەم- كوتسىز بايلىق ماكانى. ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىگە قوشنا بولغان ئاستانە قەدىمىي قەبرە توپى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «يەر ئاستى مۇزېيى» ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق بۇ قەدىمىي قەبرە توپىنىڭ دەۋرى ۋېي، جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگىچە بولغان 500 يىلغا يېقىن ۋاقىتقا سوزۇلغان، بۇ يەر ئىدىقۇتتىكى ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىقى بولۇپ، ھەم چوڭ ئەمەلدارلار، ئېسىلزادىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك قەبرىسى ھەم ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاددىي قەبرىسى بار. 1959- يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاستانە قەدىمىي قەبرە توپىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، يازما پۈتۈك، قەبرە تەزكىرىسى، يىپەك توقۇلما بۇيۇملار، يەنە ياغاچ قونچاق، لاي قونچاق، تام رەسىملىرى قاتارلىقلار بار، دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقا- ئارقىدىن تېپىلدى. «مودا» رەڭلەردە بويالغان، ئات مىنگەن، چىمىلدىقلىق بۆك كىيگەن چۆرە قىز لاي قونچىقى: ئېگىزلىكى 35 سانتىمېتىر كېلىدىغان لاي قونچاقنىڭ ئۈستىگە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك، تۆۋەن يۇمىلاق ياقىلىق كالتە يەڭلىك كۆڭلەك كىيگۈزۈلگەن، ئاستىغا كۆك، قوڭۇر ئىككى رەڭدە تىك يوللۇق كەڭ ئىشتان كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، چىلانتورۇق ئاتقا مىنگۈزۈلگەن، تولغان يۈزى، سالاپىتى ھەم جەزبىدارلىقىنى يوقاتمىغان؛ قويۇق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپنە ئۆرپ- ئادىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «فۇشى نۈۋا رەسىمى»، ئادەتتە ئەر- خوتۇن بىللە دەپنە قىلىنغان قەبرىنىڭ تورۇسىغا مىخلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلەرنى قوغدايدۇ؛ «خىسلەتلىك مۇھەببەت قۇشى» بولغان تەقدىرداش قۇش كەشتىسىدە، ئۇزۇنلۇقى 38 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 26 سانتىمېتىر قىزىل تەگلىك كەشتە بۇيۇمىغا ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن قەدىمكى ئۇستىكارلار كۆك، يېشىل، سېرىق، قوڭۇر، رەڭلىك يىپەك يىپ بىلەن رومانتىك تەقدىرداش قۇشنىڭ ئوبرازىنى كەشتىلىگەن؛ تاڭ دەۋرىدىكى ئوقۇغۇچى بۇ تيەنشوۋنىڭ «تاپشۇرۇق»ى بولغان «مۇھاكىمە ۋە بايان . جېڭشۇەنجۇ»نىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا سەبىي ئوقۇغۇچىنىڭ شوخلۇقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، بۇنىڭدىن 1000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي يۇرت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ بىخلانغانلىقى تېخىمۇ ئىسپاتلانغان. 1000 يىلدىن ھالقىپ ئۆتكەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاشۇ ئېسىل تائاملار: بەنشىر، نان، قازان قاتلىمىسى، ساڭزا، پېچىنە- پىرەنىك... ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى يۆبىڭىمۇ بار بولۇپ، بۇ قەدىمىي تۇپراقتا داۋاملىشىپ كەلگەن ئاۋات مەنزىرە دەل ھەممىلا جايدا ئوخشاش بولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدۇر.
قوغداپ ۋە پايدىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت «جانلاندۇرۇلدى»
بۇ يىل 9- ئايدا، ئاۋسترالىيە سىدنېيدا ئېچىلغان خەلقئارا سۇغىرىش- زەي چىقىرىۋېتىش كومىتېتىنىڭ 75- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كېڭىشىدە، 2024- يىللىق (11- تۈركۈم) دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۇرپان كارىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى. كارىز، جۇڭگودىكى تارىخى ئۇزاق ھەم يۈكسەك رايون خاسلىقىغا ئىگە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇغىرىش سىستېمىسى بولۇپ، تۇرپانغا ئەڭ مەركەزلىك تارقالغان. بۇ يەردىكى ئەجدادلار «ئوت يۇرتى»دىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان پارغا ئايلىنىش مىقدارىغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، ئەمگەكچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ يەر ئاستى كارىزىنى قازغان. بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي كارىز مىڭ يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تۇرپان تۇپرىقىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىپ، بۇ تۇپراقنى سۇغىرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، تۇرپاندا ساقلانغان 1200دىن ئارتۇق كارىز بار، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ بار كارىز 190غا يېقىن، يىللىق ئېقىم مىقدارى 114 مىليون كۇب مېتىر، تىزگىنلەيدىغان سۇغىرىش كۆلىمى 100 مىڭ موغا يېقىن بولۇپ، يەنىلا ئۈنۈمىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. تۇرپان شەھىرىدىكى كارىز خەلق ئۆرپ- ئادەت باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا، قوغداش ۋە ئېچىش ئارقىلىق، تىيانشاننىڭ قار سۇلىرى شىرىلداپ ئېقىپ، تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، خۇددى مىڭ يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «يەر ئاستى سۇ سەددىچىن سېپىلى»نى بەرپا قىلدى.
كارىز (سۈرەت توردىن ئېلىنغان)
تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق، بۇلارنى قوغداش باش ئورۇندا تۇرىدۇ. 1961- يىلى، يارغول قەدىمىي شەھىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، قوغداش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. ئەينى چاغدىكى قەدىمىي شەھەر 2300 يىلدىن ئارتۇق بوران- چاپقۇن، ھۆل- يېغىننىڭ ئۇپرىتىشىغا بەرداشلىق بەرگەن، تاشلىۋېتىلگىنىگىمۇ 600 يىلدىن ئاشقان، شامالدا ئۇپراش، خوراش، قۇم- توزان، يەر تەۋرەش، كەلكۈن... قاتارلىقلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن قەدىمىي شەھەر ئىنتايىن خەۋپلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايون ھەم تۇرپان شەھىرى يارغول قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يارغول قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى رېمونت قىلىش، مۇستەھكەملەش قاتارلىقلارنى قاراتمىلىق ھالدا، بۆلەك رايونلارغا بۆلۈپ، قاتلامغا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتتى. تۇرپان شەھىرى يارغول قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، باشتىن- ئاخىر قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يارغول قەدىمىي شەھىرى خارابىسى ھەم ئۇنىڭ تارىخىي قىياپىتى ۋە تەبىئىي مۇھىتىنىڭ ئەينەنلىكى، مۇكەممەللىكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 2023- يىلى، تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى − مەركىزىي چوڭ مۇنارنى قوغداش- رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى، يارغول قەدىمىي شەھىرى غەربىي جىلغا قەبرىستانلىقىنىڭ ئەسلىي گەۋدىسىنى قوغداش- رىمونت قىلىش قۇرۇلۇشى )1- قارارلىق (، يارغول قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە مىراسلارنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق سەككىز تۈرنى ئىلتىماس قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلدى.
قاتتىق قوغداش ئاساسىدا، تۇرپان شەھىرى مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش قەدىمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
«يارغولنى كېچىدە ساياھەت قىلىش» تۇرپان شەھىرى 2016- يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلغان مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرى بولۇپ، ھازىرغىچە تۆت قېتىم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ رەتكە تۇرغۇزۇلدى. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، يارغول قەدىمىي شەھىرىدە نۇرغۇن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كارتون قەغەز چىراغلار كوچىلارغا لىققىدە ئېسىلىپ، ھەربىر مەيدان ئۆزگىچە كېچىلىك ساياھەت پائالىيەتلىرى قەدىمىي شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. كوچىلارنى ئايلانغاچ، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندا، يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ قىياپىتى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ، قەدىمىي شەھەر تەدرىجىي جانلىنىدۇ. چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسى ئالدىدا ئورۇنلانغان ئەسلىي ھالەتتىكى مۇزىكىنى ئاڭلاپ، ئارتىسلارنىڭ چالغۇلىرىنى چېلىپ ئاستا- ئاستا كېلىۋاتقانلىقىنى، راھىبلاردەك ياسانغان ئارتىسلارنىڭ مۇزىكىغا ئەگىشىپ چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ... ھەربىر پارچە تارىخىي يۆگىمە رەسىم ئېچىلىپ، يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ مىڭ يىللىق ئەسلىمىلىرى بىر- بىرلەپ نامايان بولىدۇ.
تۇرپانغا كىرگەندە، خۇددى ھەربىر پارچە جانلىق تارىخىي يۆگىمە رەسىمگە قەدەم قويغاندەك تۇيغۇغا چۆمىسىز. بۇ يەردىكى ھەربىر كوچا، ھەربىر سوقما تامغا يىللارنىڭ ئىزنالىرى ئويۇلغان. شەرق- غەرب مەدەنىيلىكى كېسىشكەن تۆت كوچا ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرپان سانسىزلىغان سودا كارۋانلىرىنىڭ بېرىش- كېلىشىگە گۇۋاھ بولۇپ، مول مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۇغۇرلۇشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، مىڭ يىللىق تارىخىي مەدەنىيەت «چاڭ- توزانغا ئايلانماي»لا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ تەسىرلىك ھالەتتە بۇ شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغا، ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورنىدى ھەم يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى كۈچلۈك مەدەنىيەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
(رېن جياڭ ماقالىسى)
تەرجىمان: كامىل ئۆمەر