يېقىندا، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2024- يىللىق ئاشلىق كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەلىك خىزمەت فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «قەشقەر كۈچى»نى قوشتى.
2024- يىلى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاشلىق سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، بۇغداي يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100كە يېتىپ، تۈرلۈك سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. ئاشلىق قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، يېپىشقاقلىقى ئوتتۇرھال، كۈچلۈك بۇغداي، زىچ تېرىشقا چىداملىق كۆممىقوناق، يۇقىرى ئاقسىللىق دادۇر قاتارلىق سورتلارنىڭ شۇ جاينىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى.
ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك تەدبىرنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى، ئەلا سورتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش جەھەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى بۇغداي ئەلا سورتلىرىنى ئۆز جايىدا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورتلار بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %98تىن ئاشۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىغا مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلدى. مۇنبەت ئېتىز قۇرۇلۇشىدا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ماسلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ياخشى ئۇسۇلنى قوللىنىش جەھەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتتى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى؛ ياخشى ئۈسكۈنە- ماشىنىلارنى سەپلەش جەھەتتە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ياخشى تۈزۈم كاپالىتى ئورنىتىپ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر تەرەپلىمە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسەت قاتلىمىدىن قوللاش ئارقىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداپ، ئاشلىق سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مەبلەغ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلار، كارخانا قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر ۋىلايىتى شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھازىر باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە شورلۇق يەرلەرنى تۈزەشنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر ۋىلايىتى سەككىز ناھىيەنىڭ شورلۇق يەر سانلىق مەلۇماتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ چىقتى ھەمدە يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تۇپراقنى ياخشىلاش، تېرىقچىلىق شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، شورلۇق يەرنىڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسمەن رايونلاردا تېرىقچىلىقنى تاماملاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى بوشلۇق ئاچتى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئابدۇغېنى ئابلەت مۇنداق بىلدۈردى: «2025- يىلى ۋىلايەت ‹ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش› ئومۇمىي پىكىر يولى بويىچە، دىققەتنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىرلىك ھوسۇلنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇش، ئاشلىق پىششىقلاشنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا قويۇپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل زورايتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ‹قەشقەر ئاشلىقى› يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ». (مۇخبىر چېن جاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ چۇڭخەي)