پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، 2024- يىلى پۈتۈن ۋىلايەت مالىيەسىدىن 164 مىليون 430 مىڭ يۈەن پەن- تېخنىكا چىقىمى ئاجرىتىلىپ، 2023- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %22.95 ئېشىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پۇختا مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.
قەشقەر رايونى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى، يېڭىشەھەر دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئالاقىدار تۈرلىرىدە ئىش باشلاش تەرتىپلىك بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، پەيزاۋات ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى ۋاسىتىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا داشۆسى قاتارلىق ئالاقىدار پەن تەتقىقات سۇپىلىرى ماكانلاشتى، يەرلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بىر تۈركۈم ناھىيە، شەھەرلەر، كارخانىلار ئۆزى قۇرغان سۇپىلارمۇ ئارقا- ئارقىدىن ئىشقا كىرىشىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاندى.
كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش جەريانىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى. 2024- يىلى، قەشقەر ۋىلايىتى 77 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىنى بېكىتتى، 199 پەن- تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى ئەنگە ئالدى، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تېخنىكا توختامىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، «ئىگىلىك تىكلەش- يېڭىلىق يارىتىش» پائالىيىتى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
شىنجاڭ يۈەندا يېشىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، تولۇق ئاپتوماتلاشقان پىششىقلاش ئاقما لىنىيەسى تېز ئايلىنىۋاتاتتى، ئىشچىلار ھەربىر خالتا زىرىنى ئوراپ قاچىلاپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتاتتى. بۇ زىرە ئىنچىكە پىششىقلانغاندىن كېيىن، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى زىرە مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. شىركەت ئۇرۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تېرىشتىن پىششىقلاش، سېتىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، تېرىقچىلىق ھالقىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك شارائىتلارنى دەل جايىدا تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
قەشقەر ۋىلايىتى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، يەرلىك پەن- تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق ۋاسىتىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنىڭ يېڭى يولىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى پۇختىلىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1- دوختۇرخانىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلدى، كۆپلىگەن كارخانا ۋە ئاپپاراتلار ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى قاتارلىق سۇپىلارنى قۇرۇپ، «ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەشقەر سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا قوشۇنىنى بارغانسېرى زورايتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىمۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى ئوتتۇرىسىدا كەڭ ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك پەن- تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ماكانلىشىپ يولغا قويۇلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پەن- تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «قەشقەر ۋىلايىتى مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ۋىلايەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ». (مۇخبىر چېن جاۋ)