2024- يىلىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىغا نەزەر سالساق، دۆلەت ئىچىدىن خەلقئاراغىچە ھەممىسىدە ئورتاق بولغان «تارىختىكى ئەڭ ئىللىق» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆز بار. شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى شىنجاڭدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولغان، ھۆل- يېغىن ئومۇمىي جەھەتتىن كۆپرەك بولغان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃9.6 بولۇپ، 2022- يىلى ۋە 2023- يىلىدىكى ℃9.7تىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ℃0.9 يۇقىرى بولۇپ، 1961- يىلىدىن بۇيانقى تارىختىكى 2- يۇقىرى سەۋىيە بولۇپ قالغان.
سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەسكى، ℃0.1 پەرقلەنسە شىنجاڭ ئۇدا ئۈچ يىل «تارىختىكى ئەڭ ئىللىق يىل» بولۇپ باھالىنالايدۇ. بۇ ℃0.1 پەرق زادى قەيەردە؟
1- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېچىلغان 2024- يىللىق شىنجاڭدىكى ئون چوڭ ھاۋارايى كىلىمات ھادىسىسى ۋە كىلىمات ئاخباراتى ھەم تەسىرىنى باھالاش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ كىلىماتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- باھالاش مۇئاۋىن باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ شيۇلەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: 2022-، 2023- يىلىدىكى ئەڭ ئىللىق يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2024 -يىلى ياز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇش ھەم تارىختا 1- ئورۇندا تۇرۇشتىن باشقا، قالغان پەسىللەردە يۇقىرى بولۇش دەرىجىسى ئانچە روشەن بولمىدى. گەرچە ئايرىم ۋاقىتلاردا ھاۋا تېمپراتۇرىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا سەل تۆۋەن بولدى.
«تارىختىكى ئىككىنچى ئىللىق يىل»دىن باشقا، 2024- يىلى، شىنجاڭ يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى شارائىتى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ باھار بايرىمىدا ئالاھىدە كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلدى؛ تارىم دەرياسىنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يېڭى رېكورت ياراتتى، غول ئېقىندا تارىختىكى ئەڭ چوڭ كەلكۈن كېلىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ باشلاندى؛ كەلكۈن مەزگىلىدە كۆپ قېتىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك ھۆل-يېغىن قىسمەن جايلاردا قىيان پەيدا قىلدى؛ 4- ئايدا كۈچلۈك قۇم- بوران شىنجاڭنى قاپلىدى، يەتتە پونكىتنىڭ شامال سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يېڭىلىدى؛ ئالتايدا قاتتىق قار ياغدى؛ ئاقسۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىدى؛ 11- ئايدا تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە تۇمان كۆپ كۆرۈلۈپ، تۇمانلىق كۈن تارىختا ئەڭ كۆپ بولدى؛ ئۈرۈمچى قاتارلىق ئالتە جاي يېڭى يىلدىكى ئەڭ ئىللىق ئون چوڭ ھاۋا كىلىماتى ھادىسىسىنى كۈتۈۋالدى.
2024-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ 24 سائەتلىك سوغۇق ئېقىم ئەمەلىي ئەھۋالى خەرىتىسى. (شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن)
ئاساسلىق ھاۋا رايى كىلىمات ھادىسىلىرىدىن قارىغاندا، 2024- يىلى كىلىماتنىڭ داۋالغۇشى نىسبەتەن كىچىك، پۈتۈن يىللىق ھۆل- يېغىن كۆپرەك بولغان بولسىمۇ، لېكىن بوشلۇقتىكى تارقىلىشى تەكشى ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدە، قىش پەسلىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھەرىكەت قېتىم سانى بىر قەدەر ئاز، لېكىن كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى چوڭ؛ ئەتىياز پەسلىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتى كۆپ، قۇم- بورانلىق ھاۋارايى كۆپ، ئاپەت ئېغىر بولغان؛ ياز پەسلىدە يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرا جەريانىنىڭ قېتىم سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، كىلىماتنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كېتىشى تەدرىجىي كۈچەيگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 18 قېتىم ئىنتايىن كۈچلۈك ھۆل- يېغىن، سەككىز قېتىم ئىنتايىن كۈچلۈك بوران بوران، بىر قېتىم سوغۇق ئېقىم جەريانى، تۆت قېتىم يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىلىق جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.
شۇنداقتىمۇ، 2024- يىلى مېتېئورولوگىيە ئومۇمىي شارائىتى كېۋەز، يازلىق كۆممىقوناق، كۆپ قىسىم ئوت- چۆپ ۋە كۆپ ساندىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق، بۇغداي، ئەتىيازلىق كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈشىگە بىر قەدەر پايدىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مېتېئورولوگىيە ئاپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن 2023- يىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك يېنىك بولدى. شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مېتېئورولوگىيە ھوسۇللۇق يىلى بولدى.