مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى تەشكىللەپ، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە توردا 12 مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ
18:38:18 2025-01-17 تىيانشان تورى

 ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل كۆزنەك مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى 2025- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، «قىشلىق تەتىلدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

 ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، دۆلەت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى 12 مەيدان نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندى «ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىشقا ياردەم بېرىش پىلانى» مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش تور سۇپىسى توردا تەربىيەلەش دەرسلىكىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.

 ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئالاقە تورى + ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش» ئاممىۋى پاراۋانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش دەرسى قاتارلىق بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، 2- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى كەسىپ پىلانلاش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش، قىسقىچە تەرجىمىھال تەييارلاش، يۈزتۇرا ئىمتىھانغا يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەت ئىزدەش ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قاراتمىلىق  ھالدا «بۇلۇت دەرسخانىسى»، «بۇلۇت يېتەكچىلىكى» بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىشلىق تەتىلدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىش كۆزنەك مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، پەن- تېخنىكا باغچە رايونى، پىراكتىكا بازىسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ پىراكتىكا ئەمەلىيىتى، جەمئىيەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەيدۇ. (مۇخبىر دىڭ ياسۇڭ)

 پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125