ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
1- ئاينىڭ 16- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي) ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا 2024- يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2025- يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يۈكسەك تارىخىي نەزەر بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي نەزەر بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش»نىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر قىلچىمۇ تونۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: 2024- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، پارىخورلۇقنى جەزمەن تازىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، شىنجاڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. جەزمەن ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قىلچە توختىتىپ قويماي، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «يەتتە خىل قىلمىش» مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بايقاپ، كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ تېخىمۇ قەتئىي ئاڭلىقلىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دائىملىق ئىنتىزام تەربىيەسى بىلەن مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنىڭ چەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش داۋامىدا ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە قىلىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قىلچە يول قويماي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات- تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى جازالاشقا سىجىل كۈچەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سوزۇلغان «قارا قول»لارنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، سىستېمىلىق تۈزەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات- تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش ۋە پۇختىلاش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقۇرۇشى، ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى، باشلامچىلىق بىلەن ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇشى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىشنى ياخشى ئادا قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈشى، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى مەسئۇل ئاساسىي گەۋدىلەر مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.
تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ھۆكۈمەت(مەمۇرىي مەھكىمە)تىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.