ئىليار ئەنۋەر: بۇلتۇرقى ۋەدەمنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم
11:21:24 2025-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

 «بۇلتۇرقى ۋەدەمنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.» 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىليار ئەنۋەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى يېپىلغاندا، مەن تاراتقۇلارنىڭ كامېراسى ئالدىدا يېڭى بىر يىللىق خىزمەت پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەينى چاغدا مەن كەنتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى داڭلىق ماركىلاشتۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدىم، بۈگۈنكى كۈندە ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.

 ئىليار ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى چاڭشەنزى بازىرى تۇلياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا خەلقنىڭ ئارزۇسىنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. جېجياڭغا بېرىپ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ئىليار جېجياڭنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگەنگەندە ناھايىتى ئەستايىدىل بولدى، كەنتكە قايتقاندىن كېيىن «جەلپكار تۇلياڭ» كەنت داڭلىق ماركىسى ۋە «جىنتۇلياڭ» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى.

 ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىليار كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ماركا logoسىنى لايىھەلەپ، ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ياردەم قىلىش، مەركىزىي ئولتۇراق رايوندىكى ئېلان ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ماركىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتتى؛ تۈرلۈك كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يىغىنى ۋە يەرمەنكىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ «جىنتۇلياڭ» داڭلىق ماركىسىنى تەشۋىق قىلدى؛ دوۋيىن، ۋىيشىن سىن نومۇرى قاتارلىق تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، قىسقا فىلىم ئىشلەپ، ھەر تەرەپلىمە، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ماركېتىڭنى قانات يايدۇردى.

 بۇلتۇر 5- ئايدا، شىنجاڭ جىنتۇلياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى. شىركەت تىجارەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەڭ دەسلەپكى شىنجاڭنىڭ يەرلىك قويىدىن گۈل، ھەسەل، سۈت، مېۋە- چىۋە قاتارلىقلارغىچە كەسپىنى كۈنسېرى بېيىتتى. كەنت قۇرغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، «جىنتۇلياڭ» تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، رىقابەت كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

 بىر يىلدىن بۇيان، ئىليار «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېما ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق، قەرەللىك ھالدا ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىلتىماس- تەلىپىدىن 12نى توپلىدى، ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش، ئوقۇش قاتارلىق ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىدىن 13نى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

 ئىليارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا ئېلىپ كەلگەن تەۋسىيەلىرى يىلدىن- يىلغا كۆپەيدى، كۆپىنچىسى خەلق تۇرمۇشى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ئىدى، «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت، تۇرمۇشتا نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125