ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي
«ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، تەۋسىيەنىڭ مەزمۇنىغا بىرمۇبىر جاۋاب قايتۇردى.» 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئادىلە ئابلىمىت تەۋسىيەگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا شۇنداق دېدى.
ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى شەھەر- يېزىلارغا تارقالغان بولۇپ، قانداق قىلىپ ئاساسىي قاتلامدا تېخىمۇ قولاي، بىخەتەر، تېخىمۇ سۈپەتلىك داۋالىنىش ھەر مىللەت ئامما ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلە.
«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.» ئادىلە مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى، قولايلىقلىقىنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا يەنە ناھايىتى چوڭ ئېشىش بوشلۇقى بار. شۇڭا، مەن ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيەنى سۇندۇم.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا جاۋاب بەردى.
جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: ۋەكىل ئادىلە ئالاقە تورى تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىش- جەلپ قىلىش تەرتىپى ۋە شەرت چەكلىمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇش، «ناھىيە باشقۇرۇپ يېزا ئىشلىتىش، يېزا تەكلىپ قىلىپ كەنت ئىشلىتىش» مېخانىزمىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا ناھايىتى كۈچلۈك ئۆرنەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.
2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق داشۆ پۈتكۈزگەن يېزا- كەنت دوختۇرلىرى مەخسۇس تۈر پىلانى بويىچە تەكلىپ قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە داشۆ پۈتكۈزگەن يېزا- كەنت دوختۇرلىرى ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزدى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە باشلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش بايلىقىنى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا چۈشۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۆۋەنگە چۈشكەن خادىملار نۇقتىدا تۇرۇپ يار- يۆلەك بولۇش، سەييارە داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش، يىراق مۇساپىلىك يار- يۆلەك بولۇش قاتارلىق شەكىللەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يەنە زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خادىم، تېخنىكا، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تۆتنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تەكشى تارقىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ساغلاملىق ساپاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرىدۇ.
«ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان بىرىنچى مۇداپىئە سېپى.» ئادىلە مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك، قولاي بولغان داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.