پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتايلى
11:46:24 2025-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

 «قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئىرادە پۈككەنلەر چوقۇم قەتئىي بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرگىز يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، 2024- يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2025- يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يۈكسەك تارىخىي نەزەر بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، پارىخورلۇقنى جەزمەن تازىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر شىنجاڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. بىز بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلارغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ تۈزۈم- مېخانىزمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ كۆزلەپ، داۋاملىق ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشەلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيە- ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 بۇ يىل «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، جەزمەن ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ تېخىمۇ قەتئىي ئاڭلىقلىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش داۋامىدا ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات- تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات- تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقۇرۇشى، ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى، باشلامچىلىق بىلەن ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇشى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىشنى ياخشى ئادا قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈشى، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى مەسئۇل ئاساسىي گەۋدىلەر مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم كۈچ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى مەڭگۈ ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قىلچە توختىتىپ قويماي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125