− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ تىرىشىپ نەتىجە يارىتىلدى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر يىل بولدى.
2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش- ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا بىر قاتار پۇختا ھەم كۈچلۈك بېسىلغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىزلىرىنى قالدۇردى.
چوڭقۇر ئۆگىنىش داۋامىدا ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش
بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى.
2024- يىلى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇرغىسى چېلىندى.
يىغىن ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كەڭ كادىرلارنى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغاشقا چاقىرىق قىلدى.
ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىشنى قەدىرلەش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىدۇر.
بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلىدى، «1- قارالما» تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى. شەبنەم مۇنبىرى» قاتارلىق ئۆگىنىش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قەلبلەرگە سىڭدۈردى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى. مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە، كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا تەشكىللەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزام قائىدىسىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتتى.
ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى؛ سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملەش
پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلسا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە شۇ يەرگىچە كۆڭۈل بۆلۈنىدۇ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى قەيەرگىچە مۇجەسسەملەنسە، سىياسىي كېڭەشنىڭ رولى شۇ يەرگىچە جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھماتنىڭ كۆزى». «قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بويىچە يىغىلىش- تارقىلىش ئورنىدىن، ئاپتوموبىل كۇلۇبىدىن بىر نەچچىنى قۇرۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىساد كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تەكلىپ بېرىش» «سياسەتنى ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك»...
بۇلتۇر 10- ئايدا، ئاپتونوم رايون تور ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە، شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، توققۇز شۆبە يىغىن مەيدانىدا 550تىن ئارتۇق كارخانا، 1000غا يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى، «كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار بىۋاسىتە سۆھبەتلەشتى. يىغىلغان 1200دىن ئارتۇق پىكىر- تەكلىپ رەتلەپ توپلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى تەستىق سالدى، ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەشتىن دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت- سائادىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشكىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قانات يايدۇرغان ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەر قېتىملىق كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوبدان مەسلىھەت، ياخشى تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىنى نامايان قىلدى، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى −
دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلدى.
جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، خەينەن، يۈننەن، گۇاڭشىغا بېرىپ ئۆگىنىش- تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش» قارالمىسىنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن تەكلىپ ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
«شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۆتكۈزدى، دىققەتنى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىكتە ياخشى تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ساھەسىدىكىلەر ساھەلەرنىڭ كېڭىشىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش
شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا بېرىلگەن تەكلىپ نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا سىجىل ئەگىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق باش تېمىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىشنى قانات يايدۇردى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئەمەلىي چارە كۆرسەتتى، ياخشى تەدبىر تۈزدى. ئىككى مەيدان ماكرولۇق ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئۆي- زېمىن خەۋپ- خەتىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىشنى چۆرىدەپ، مول ئىجادىيلىققا ئىگە بولغان 17 تۈرلۈك تەدبىر- تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كېڭىشىش داۋامىدا «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن» دېگەن قىممەت ئىنتىلىشى نامايان قىلىندى.
ياخشى ئېكولوگىيە- مۇھىت ئەڭ ئادىل بولغان ئاممىۋى مەھسۇلات، ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ، سەككىز تۈرلۈك 31 تەكلىپنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇمىي لايىھەسى»نى تۈزۈشىنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى قاتارلىق قارالمىلارنى چىڭ كۆزلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ، پۇقرالار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى سىياسىي كېڭەش كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئايلاندۇردى.
مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدىن مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، كېڭىشىش مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى، كېڭىشىش شەكلى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى، كېڭىشىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيدى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى.
ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش
پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى ئۆزى باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. 2024- يىلى بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 3- يىلى بولۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بېجىرىش لايىھەسىنى تۈزۈش، بېجىرىش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۆزى باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدىكى سىياسىي كېڭەش تەكلىپلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تۇنجى قېتىم نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىلىرىنى تاللاش بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ئېچىش، خىزمەت قوللانمىسى تۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى. 2024- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 نۇقتىلىق تەكلىپنى يۇقىرى سۈپەتتە بېجىرىپ، «بىرنى ياخشى بېجىرىش، بىرنى ھەل قىلىش» ئۈنۈمىگە يەتتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى، تۈرتكىسىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بويىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى −
مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئۇللۇق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاخبارات- نەشرىيات، تېببىي دورا- سەھىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئەزالار ئىشخانىسىدىن ئالتىسى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتى نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ پايدىلىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈرۈمچى . بىرلىكتە كېڭىشىش» قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قۇرۇلغان كېڭىشىش دېموكراتىيەسى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىلىرى ئارقىلىق، «كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش»نى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى؛
بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بىرلىكتە كېڭىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلارنىڭ پىكرى، ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى؛
شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى بەرپا قىلىشتا يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن شياڭگاڭ خەلقئارا ئېسىل ھاراق كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى قالتىس نامايان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۈزۈم ھارىقى سودىگەرلىرىنى 100گە يېقىن مۇددىئا توختامى ئىمزالاشقا جەلپ قىلدى؛
«ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، بىر شەھەر» سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭلىق- ئاۋمېنلىق- تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە تاشقى ئىشلار خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتتى. مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ياپونىيە، كورېيەدە زىيارەتتە بولۇپ، رەڭدار شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى؛
«سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش» مۇھىم تەلىپىنى «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەزالار ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى 1000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.
يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى، ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل- پاراسەتنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشىدۇ.