شىنجاڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ- ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ- ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ شۆبىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسىي- قانۇن ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي- قانۇن ئورگانلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى سىياسىي بۇرچنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: 2024- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي- قانۇن سىستېمىسى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، شىنجاڭدىكى كەڭ سىياسىي- قانۇن كادىر- ساقچىلار، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى قانۇنچىللىق خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: 2025- يىللىق سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، «مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ۋە ئىچكى- تاشقى ئىككى جەھەتتىكى خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى، خەۋپ- خەتەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەخسۇس سىستېمىسى، كۈچى، ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن چەت ئەلگە ئالاقىدار بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، مەركەز نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەتتىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئايلانما بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك چېكىدىن ئاشقان دېلو- ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سىياسىي- قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى چىڭىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسى ۋە ھەرىكەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «پىچاق دەستىسى»نىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قولىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى تىرىشىپ تاۋلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي- قانۇن كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي مۇئامىلىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سىجىل ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ساقچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ساقچىلارغا كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپە ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى تۈرلەر بويىچە تەقسىملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىدار، ماھارەتنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي بىخەتەرلىككە ئالاقىدار، تېررورلۇققا ئالاقىدار، مۇقىملىققا ئالاقىدار نۇقتىلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ، مەنبەدىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.
تيەن شياڭلى، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي- قانۇن ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە قىسمەن ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)