قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
20:52:19 2025-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي 2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تېمىلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ،چېن مىڭگو قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1- ئاينىڭ 17- كۈنى 2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تېمىلىق قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىجىل تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا خادىم ئەۋەتتى.

 يىغىندا، ئالتاي، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قاراماي، تۇرپان بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، جۇڭتەي گۇرۇھىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەرتىپ بىلەن قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى. ئاپتونوم رايوندىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن يازما مەلۇمات بەردى.

 قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلارنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت قانۇنچىللىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا كەمتۈكلۈكلەر يەنىلا گەۋدىلىك، بىز مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، يېڭى بىر يىلدا كۈچەپ ياخشىلىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا سىجىل كۈچەپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو- ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا گىرەلەشمە تەرەققىياتىنى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈمى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك قانۇن مۇلازىمىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا، چەت- يىراق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق تەربىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇنچىللىق مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىشىش ۋە قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلىشى ۋە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قانۇنچىللىق مەخسۇس قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈچ قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇپ، قانۇن مۇلازىمىتى قوشۇنىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بۇ قېتىمقى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىشنى پۇرسەت بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگەن يولداشلارغا قارىتا دېموكراتىك باھالاش ئېلىپ بېرىلدى.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە ھەربىي رايون، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇن، كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئادۋوكاتلار، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125