جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
20:59:07 2025-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2025- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 42 كىشى قاتناشتى، 232 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

 ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2024- يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى خۇلاسىلەندى، 2025- يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

 ئومۇمىي يىغىندا 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يۈكسەك تارىخىي نەزەر بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، بايراق روشەن ھالدا خاتا تونۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىدىيە تۇمانلىرى تازىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. يولداش لى شى بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، 2025- يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى ۋەزىپىنامە ۋە يول خەرىتىسى بىلەن تەمىنلىدى. يولداش ما شىڭرۇينىڭ سۆزىدە، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدىكى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىغا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ۋە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى سىجىل پۇختىلىدى. «ئىككىنى قوغداش»تىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى سىجىل كۈچەيتتى. قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى توسمىسىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى سالماق بىلەن دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تۇتۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىرادە بىلەن تۈزىتىش، تۈزەشنى تۇتۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى تۇتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئاشتى. كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇر كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى تۆۋەنگە كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى كۆزىتىش بويىچە تۈزىتىشكە ئەمەلىي كۈچ چىقىرىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش- تەكشۈرۈشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىك رولىنى سىجىل نامايان قىلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش، كۆيۈنۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تۈزەش ئۈنۈمىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى. ئومۇمىي يىغىندا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا شىنجاڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئانالىز قىلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر كۆرسىتىپ بېرىلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ھەقىقىي تۈردە كۈچەپ ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز، مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقلارنى بەردى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە شىنجاڭ خىزمىتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمىنى، ۋەزىپە توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش فاڭجىن- تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولدى.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2025- يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 بىرىنچى، دىققەتنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ۋاقتىدا دادىل ھەرىكەتكە، ماھىرلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان ئىقتىدارغا، نەتىجە يارىتىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ئىككىنچى، دىققەتنى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش چارىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھاتقا كاشىلا قىلىدىغان، ئىسلاھاتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 ئۈچىنچى، دىققەتنى پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق مەزمۇن، نۇقتىلىق ئوبيېكت، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاپ، دەل جايىدا ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۆھمەت چاپلاش قىلمىشلىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

 تۆتىنچى، دىققەتنى چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «تەڭ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، «تۆت خاھىش» جاھىل كېسىلىنى قاتتىق تۈزىتىپ، دىققەتنى ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن ئۆزگىرىپ كېتىش، بازار تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىسى، ئېنېرگىيە، ئوت مۇداپىئەسى، تېبابەت- دورىگەرلىك، ئالىي مەكتەپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش- سېتىش، تەرەققىيات رايونى (باغچە رايونى)، قۇرۇلۇش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، يەرنى ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە سىستېمىلىق تۈزەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى بايقاش، ئىسپات ئېلىش، خاراكتېرىنى بېكىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەدبىر بەلگىلەش ئارقىلىق دۆلەت مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمىشە كادىرلارنى ئازدۇرىدىغان، بىر تەرەپكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارا بەرگۈچىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «تەڭ تۈزەش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سودا قىلىشى، كارخانا قۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق پارا بەرگۈچىلەرنى بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «تەكشۈرۈش» «تۈزەش»نى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىككە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنىڭ پۈتۈن تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۈتۈن زەنجىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 بەشىنچى، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى جازالاشقا سىجىل كۈچەپ، دىققەتنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاجىز ھالقىلارنى يەنە ئىككى يىل چىڭ تۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. «مەكتەپ تامىقى»، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى تاللاپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

 ئالتىنچى، دىققەتنى مەسىلىلەرنى بايقاش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسىي زىددىيەت، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور ئېغىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش كېرەك. دائىملىق كۆزىتىش، مەخسۇس تۈردىكى كۆزىتىش، جانلىق كۆزىتىش ۋە كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بايقاشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەكشۈرۈشنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت (مەھەللە)لەرنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يەتتىنچى، دىققەتنى ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشقا كۈچ قوشۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى، مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىشنى ئاساسىي غول، ئاساسىي قاتلام نازارەتچىلىكنى تىرەك، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش- ماسلاشتۇرۇشنى كاپالەت، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچ قوشۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق قانۇن- نىزام، تۈزۈملەرگە بولغان ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش، تەشۋىق- تەربىيە، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

 سەككىزىنچى، دىققەتنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا زىممىگە ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، سىستېمىلىق قاراش، ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

 توققۇزىنچى، دىققەتنى يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق ساداقەتنى تاۋلاش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىش، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئىشلەپ ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125