1- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يەنفاڭ، لى ياڭ خەۋىرى) 1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.
ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باتۇ، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىلىرى، بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى بىر قىسىم چياۋمىن قېرىنداشلار، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل تاراتقۇلىرى ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)