1- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) 1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، «رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا» كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىدا يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر ئۆي- زېمىن خەۋپ- خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ، 189 مەيدان كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كېڭىشىش نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا سىجىل ئەگىشىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)