دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇق ۋە ئۈمىدنى يەردە قويماسلىق
− ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي
2024- يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى، ئومۇمىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى دەل جايىدا، كۈچلۈك ئىشلىدى، ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نەتىجىلىك ئادا قىلدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈردى
«ماقۇللاندى!» 2024- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇنىڭ بىلەن تۈزۈم قاتلىمىدىن مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنىڭ «قايناق تۇرمۇش كەيپىيات»ى قوغدىلىپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، سۈرئەتنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، «بىر كەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ روناق تېپىش»تىن ئىبارەت تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى.
بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتتى. 2024- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ نىزامىدىن 16نى، نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمىلەردىن توققۇزنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، تەستىقلاشقا يوللانغان نىزامدىن 39نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.
مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش سېلىنمىسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ماقۇللاپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «قاشالاپ قويۇپ چارلىماسلىق» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
2024- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە بوش قالغان رايوندا گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنىدا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، «قۇم تىزگىنلەش» بىلەن «بېيىتىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، «مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى كۈچلۈك قوغدىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى چۆرىدەپ، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى، زەھەر چەكلەش نىزامى تۈزۈلدى؛ ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى، سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى تۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق بېجىغا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى، ھېسابلاپ ئېلىش ئۇسۇلى ھەم باجنى كېمەيتىش- كەچۈرۈم قىلىش چارىسى توغرىسىدىكى قارار تۈزىتىلدى؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى ئۆزگەرتىلدى، يېزا تاشيولى نىزامى تۈزۈلدى... يەرلىك نىزاملار ئارقا- ئارقىدىن تۈزۈلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭدا ھەم ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك چوڭ ھەجىملىك نىزاملار، ھەم دەل جايىدا، ئەسقاتىدىغان كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق نىزاملار بار بولۇپ، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغدىغانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.
ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭدا يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ دېموكراتىيەلىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 23 ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىدا جەمئىي 20دىن ئارتۇق قانۇن- نىزام لايىھەسىگە 1700دىن ئارتۇق پىكىر- تەۋسىيە توپلاندى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، 60 نەپەر نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسى تاللاپ تەكلىپ قىلىندى، نىزام چىقىرىش مەسلىھەتچىلىك بازىسىدىن تۆتى تۇنجى قېتىم قۇرۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان توپنىڭ ساداسى سىجىل مۇجەسسەملىنىپ، نىزام چىقىرىشتىكى «راۋان يول» يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۆۋەندە ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ «ئەسلىي ھالىتى»دىكى يۈرەك ساداسى نىزام چىقىرىش ئورگىنىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.
نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى
قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، قانۇن- نىزاملارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى؛ خىزمەت نازارەتچىلىكىدە قىزىق نۇقتىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى؛ مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتا قىيىن نۇقتىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، تېخىمۇ قاتتىقلىق ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولدى...
بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 17 مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، قاراپ چىقىپ، توققۇز قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، تۆت قېتىم مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش، 13 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قانۇن- نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان «ئۆتكۈر شەمشەر». ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى» قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەم مەخسۇس دوكلاتنى قاراپ چىقىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىكمە نازارەت قىلىش ئارقىلىق چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراق كۆلىمى «قوش ئازىيىش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىدى. «مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى» بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق گۈزەل ماكاننى قوغدىدى.
ئىقتىساد خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پىلان ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، نەق چوت، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈردى، دائىملاشتۇردى؛ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشتىن دىققەتنى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكىچە، نازارەت قىلىش ئوبيېكتىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇردى، دەل جايىدا بېكىتتى.
خەلق ئاممىسىنىڭ ئويى، تەقەززاسى، ئارزۇسى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ كۆزدىن كەچۈردى، ئالىي مائارىپ قانۇنى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتكۈل مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى ھەققىدىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامدا باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىدى.
ئەنگە ئېلىش- تەكشۈرۈش ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق بىرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم تۈزۈم. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش- تەكشۈرۈش نىزامىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ دەرىجىلىك قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 43نى تەكشۈرۈپ، تۆتنى تۈزىتىشنى نازارەت قىلىپ، «ھۆججەتلا بولىدىكەن جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىش»تىن ئىبارەت ئەنگە ئېلىش- تەكشۈرۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى ھەم مۇقىم يۈرۈشتۈردى.
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسەتتى ۋە راۋاجلاندۇردى
بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. دىققەتنى مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، بەزى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش . ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 60 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەشۋىق قىلدى، لېكسىيە سۆزلىدى، 490 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئامما بىلەن ئالاقىلەشتى ۋە كۈتۈۋالدى، 65 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئىنكاس قىلىنغان پىكىر- تەۋسىيەنى ئاڭلىدى، 50 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
«مەكتەپ ئاپتوموبىلى بار بولغاندىن بۇيان، بىز ھەر كۈنى ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدا ئاپتوموبىلغا چىقىپ، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان بولدۇق، ناھايىتى قولايلىق، ئاتا- ئانام ناھايىتى خاتىرجەم» دېدى ماناس ناھىيەسى تاسىرقاي يېزىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۇلجان ئالغىن خۇشال ھالدا. 2024- يىلى، ماناس ناھىيەسى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش تۈرىنى بېكىتىپ، «ئائىلە- مەكتەپ» زاكازلىق ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى ئېچىشنى بېكىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىگە قولايلىق ياراتتى. بۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللەر «مىكرو ئەمەلىي ئىش» تۈرىنى دەرھال بېجىرىش تۈزۈمى، كوچا باشقارمىسى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋەكىللەر يىغىنى، ۋەكىللەر تەدبىر سوراش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشى بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاۋازغا قويۇپ بېكىتىش تۈزۈمىنى 56 ناھىيە، شەھەر، 549 يېزا- بازاردا يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، 3409 تۈرنى توپلاپ، 2925 تۈرنى ئاۋازغا قويۇپ ھەم يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلاردا «خەلققە ئىگە بولۇش»تىن «خەلق ئىگە بولۇش»قا ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولدى.
«مەن سۇنغان تەۋسىيە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبەر بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلدى، بۇنىڭدىن مەن شىنجاڭنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە سالمىقىنى كۆرۈپ يەتتىم، ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى.» ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆزى سۇنغان تەۋسىيەنى بېجىرىش ئەھۋالى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى غالىپجان ئابلىمىت شۇنداق دېدى.
2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 28 پارچە تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ چىقىش تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 14 پارچىسى نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ياكى پىلانىغا كىرگۈزۈلدى؛ يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 536 پارچە تەۋسىيە، يىغىن يېپىق مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 20 پارچە تەۋسىيە بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە ھەم جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبەر ئۆزى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋەكىللەر تەۋسىيەلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلار بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلغان 18 پارچە تەۋسىيەنىڭ، دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنىدا ئەزالار بېجىرىشكە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلغان 14 پارچە تەۋسىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە بېجىرىلىشىگە ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى، ۋەكىللەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئۆستى.
داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)