2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئوچۇق- ئاشكارا يىغىن ئېچىلىدۇ، چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا يەنە تەكلىپ قىلىنىدۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر) 1- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ 1- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «يۇقىرى سۈپەتلىك كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى» بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ تاراتقۇلارغا بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئۈچ يېرىم كۈن. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەمدە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ھەم مۇزاكىرە قىلىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاتارلىق قارار ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.
يىغىن مەزگىلىدە، ئىككى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى بولۇپ، ئېچىلىش يىغىنىدا ئەزالار ۋەكىللىرى سۆز قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى گۇرۇپپا يىغىنى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن يۈزتۇرا كېڭىشىدۇ.
جاڭ شۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېچىلىش يىغىنىغا يەنە چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، چەت ئەل ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. يىغىنغا يەنە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق زاتلاردىن يەتتىسى سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. ئەمدىلا يېپىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- يىغىنىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىن ئۈچ كىشى ئەزالىققا تولۇقلاندى، ئۇلار يىغىنغا تولۇق قاتنىشىپ، ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.
جاڭ شۈ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» تېمىسىدىكى تەكلىپنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى، «شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خاس ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى، ئەزا ليۇ لياڭچېڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنىڭ شىنجاڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات تۈرى بولغان تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تۇنجى قېتىم تارقىتىشقا تۈرتكە بولغانلىقى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.
«بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئارقا- ئارقىدىن ئەزالار ئىشخانىسىدىن ئالتىنى قۇردى.» جاڭ شۈ مۇنداق دېدى: تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئەتكەنچاي كېڭىشىش يىغىنى، ئات ئۈستىدىكى خىزمەت پونكىتى قاتارلىق ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلغان سۇپىلار ئاممىنى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن «مۇڭدىشىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەم ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەر قۇرغان ئەزالار خىزمەت پونكىتى 2000غا يېقىنلاشتى.
جاڭ شۈ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىدۇ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)