ئىككى يىغىن تېز خەۋىرى | ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئېچىلدى
15:42:34 2025-01-19 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

 ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

1- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن، ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

 ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلار ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿布列利木·艾则孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125