ئىككى يىغىن تېز خەۋىرى | 2024- يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى
15:52:45 2025-01-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

1- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2023- يىلىدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %8 ئاشقان، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %6.9 ئاشقان، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %2 ئاشقان، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى %21.8 ئاشقان، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %10.5 ئاشقان، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %5.5 ئاشقان، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %8.2 ئاشقان، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەر بىرقەدەر ياخشى ئورۇندالغان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ «مۇقىم»لىق ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن، «يېڭى» بولۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿布列利木·艾则孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125