ئىككى يىغىن تېز خەۋىرى | شىنجاڭ بۇ يىل خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بۇ ئون ئەمەلىي ئىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ
16:28:24 2025-01-19 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

1- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ بۇ يىل بېكىتىلگەن تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلىش، يار- يۆلەك بولۇش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، ياشانغانلارنى ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈش مۇلازىمىتى، شەھەر- يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قانۇن ياردىمى بېرىش، رەقەم ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، شەھەر- يېزىلاردىكى كونا ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، خەلققە پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا مايىللىشىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ جازالاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ خەلققە ئادىل، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى كۈنسېرى ئۆستۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىشى كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿布列利木·艾则孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125