ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 2025- يىللىق شىنجاڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ۋەكىللەر، ئەزالار يولى تەسىس قىلىندى. 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى «ۋەكىللەر يولى» كوللېكتىپ زىيارەت پائالىيىتى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
1- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شىنجاڭ خەلق سارىيىدىكى «ۋەكىللەر يولى» نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
شې ياخۇي، كامشات تۇرداقىن، ئاينۇر ئابباس، شۈ مىن، جوۋ لىڭ، ئەخەت ھۈسىيىندىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىن كەلگەن ئالتە نەپەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى «ۋەكىللەر يولى»دا مېڭىپ، دىققەتنى تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىغا قويۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ، ئىسلاھات ئۈستىدە توختىلىپ، خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدا سۆزلەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.