ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى
نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى جارۇللا ھېسامىدىن رىياسەتچىلىك قىلدى، ئېزىزمۇسا تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى
1- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يەنفاڭ) 1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.
يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن، تەنتەنىلىك بولۇپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.
ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز م−ۇسا، ليۇ خ−ۇي−جۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باتۇ، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 523 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 500 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
سائەت 10دا، جارۇللا ھېسامىدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: 2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئىككى چوڭ مۆجىزىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن- ئاخىر تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر پۈتتى، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ بايلىق- ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە ئىش باشلاندى، بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى ئەمەلىيلەشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت نامايان بولدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: 2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى؛ مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى؛ مەركىزىي ھالقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى؛ بىرلىك سەپ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇقنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، يۈرەك قېنى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: 2025- يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بولۇپمۇ 13- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش- ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرنى تېخىمۇ چوڭقۇر پىلانلاپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان غەيرەتنى تېخىمۇ تولۇق ئۇرغۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.
ئېزىز مۇسا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. 2024- يىلى، جەمئىي 997 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، 579 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى، ئەزالارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
يىغىندا يەتتە نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، 11- تۈركۈمدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، بىر قىسىم شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق زاتلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەت ئەل تاراتقۇلىرى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.