شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى
19:26:02 2025-01-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قار- مۇز قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاسىيا مەركىزىي شەھىرىدە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ما شىڭرۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، «قار- مۇز قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاسىيا مەركىزىي شەھىرىدە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزىنىڭ قىسقا يولدا تېز تېيىلىش سارىيى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. شوخ، جۇشقۇن مۇزىكىغا ئەگىشىپ، رېپىرلار قوشۇنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۇەن شىخەنزە شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىردى.

 مەيدانغا كىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

 سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

 ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «300 مىليون كىشىنىڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، رايون ئورنى، ئېنېرگىيە، بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەل يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ، بىز «قار- مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قار- مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قار- مۇز ساياھىتى، قار- مۇز كەسپى ۋە قار- مۇز ئىقتىسادىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ۋە قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى قار- مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنى قار- مۇزلۇقتىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، قار- مۇز قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، قار- مۇز كاتتا مەرىكىسىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.

 جاراڭلىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ناخشىسى ياڭرىدى. ئارقىدىن تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپىرلار ۋەكىللىرى قەسەم بەردى.

 باشلىنىش مۇراسىمىدا مەدەنىيەت- تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

 مۇقىيات جارمۇقامەت باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.

 قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار يولداشلار ۋە ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مۇسابىقىلەر ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرى ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپا قار- مۇز مۇسابىقىسى تۈرىگە ئايرىلغان. ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرىدە مۇز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش، مۇز توپ، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش، دالىدا چاقلىق كانكى تېيىلىش، چاقلىق كانكى تېيىلىش قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر، ئون تارماق تۈر، 180 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى؛ ئاممىۋى گۇرۇپپا قار- مۇز مۇسابىقىسى تۈرىدە تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش، قار- مۇز مارافونى قاتارلىق سەككىز تۈر ۋە بىر قىش پەسىللىك تەنتەربىيە كاتتا بايرام پائالىيىتى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125