يىغىن كۈنتەرتىپى بېكىتىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىن 1- ئاينىڭ 19- كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى تۆت كۈن
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى تەييارلىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن 1- يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 53 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 50 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا ئالدى بىلەن زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن، ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.
ئارقىدىن، يىغىندا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى زۇمرەت ئوبۇلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، يىغىننىڭ 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدىغانلىقى، يىغىن ۋاقتىنىڭ تۆت كۈن بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سايلاپ چىقىلدى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى قارار قىلىندى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.