جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلايلى
20:51:24 2025-01-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

 يېڭى يىل باشلىنىپ، كاتتا يىغىندا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. بۈگۈن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

 2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم يىل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى.

 بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇنىڭغا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن.

 2024- يىلى، يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەرگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش داۋامىدا تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى.

 ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە قويۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى دەل جايىدا، كۈچلۈك ئىشلەپ، بېكىتمە، قارارلارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك چىقاردى، بۇ، جۇڭگونىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلماقتا. چاقناپ تۇرغان ئىزلار، جاراڭلىق قەدەم سادالىرىغا «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى» ۋە «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نەتىجە يارىتىشى» مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھ بولدى.

 كۈرەش قىلىشنىڭ چېكى يوق، ئىمتىھانغا بېرىش مۇساپىسىنىڭ چېكى يوق. بۇ يىل «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل ۋە «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىدا، 2025- يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئاڭلىق ھالدا شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى پۈتمەس- تۈگىمەس ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

 پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چىن، ئەڭ ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بېجىرىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 مەردانە قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يەنە يولغا چىقىش. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەم بىر جايغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، ھەم ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجە، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەيلى.

 يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125