ئاساسىي قاتلام 1- سېپىدىن كەلگەن ئالتە نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋەكىللەر يولىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسىنى سۆزلەيدۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) 1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2025- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى 2- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، باش تېمىسى «مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادا قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشكە كۈچ قوشايلى» بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاۋ ۋېنچۈەن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى 1- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى تۆت كۈن. يىغىن مەزگىلىدە ئۈچ قېتىم ئومۇمىي يىغىن، بەش قېتىم ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن پۈتۈن جەريانلىق بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ. جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: يىغىندا يەنە تۇنجى قېتىم «ۋەكىللەر يولى» كوللېكتىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن ئالتە نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆز خىزمىتى ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەگە بىرلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسىنى سۆزلەيدۇ. چەت ئەللىك مېھمانلار يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا داۋاملىق تەكلىپ قىلىندى، چەت ئەل ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى كاتتا يىغىن ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.
2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تىلغا ئېلىنغاندا، جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: پۈتۈن يىلدا ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىي 16 يەرلىك نىزامى، توققۇز نىزام خاراكتېرلىك قارارى- بېكىتمىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، 39 نىزامى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، نىزام چىقىرىش مىقدارى كۆپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، رىتىمى تېز بولدى، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى، ۋاقىتچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.
ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 5366 ۋەكىللەر ئائىلىسى- پونكىتى ئارقىلىق، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا پائالىيەتكە قاتناشتى؛ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاممىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىدىن 65 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقنى ئاڭلىدى ۋە ئىنكاس قىلدى، 50 مىڭ پارچىدىن ئارتۇقنى قانۇن بويىچە تاپشۇرۇپ بېرىپ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى؛ كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش . ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» تەشۋىقات- لېكسىيە باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 60 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق باش تېمىلىق تەشۋىقات- لېكسىيەنى قانات يايدۇردى، 490 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئامما بىلەن ئالاقە باغلىدى ۋە ئۇلارنى كۈتۈۋالدى... ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جاۋ ۋېنچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.