جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئاقىل تەكلىپلەرنى بەردى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، لى ياڭ) 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يەتتە ئەزاسى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئەزالار ئەدەبىيات ئىختىساسلىقلىرىغا ئاساس سېلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھەمكارلىشىشنى تېزلىتىش، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈش، چياۋمىنلارنى «كۆۋرۈك» قىلىپ جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئاقىل تەكلىپلەرنى بەردى.
ئەزا ليۇ لياڭچېڭ «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئەدەبىيات ئىختىساسلىقلىرى ئۇل قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «ئەدەبىيات كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان» ۋەكىللىك يازغۇچىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس تۈر خىراجىتى تەسىس قىلىپ شىنجاڭ ئەدەبىيات خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئەدەبىيات شۆيۈەنى قۇرۇپ، شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش، مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش تەكلىپىنى بەردى.
ئەزا گۈلنار روزى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈپ، تەشۋىق- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەزا ساۋ جىگاڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى شىنجاڭغا يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ئەمەلىي قوللىنىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش تەكلىپىنى بەردى.
ئەزا كۇلەن جۇماقان ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈم- مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش نىشانىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ «زەنجىرسىمان» دەرس سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە ئاساسىي بازىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەزا چېن چۈەنجيا مۇكاپاتلاش- ياردەم پۇل بېرىش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، زىرائەت تېرىش يىرىك پىلانىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل كەسىپ رايونىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇنبەت ئېتىز بەرپا قىلىپ، ياخشى دېھقانچىلىق تېخنىكىسى تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ياخشى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سەپلەپ، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق ئىشلىتىپ، ياخشى تۈزۈم بەرپا قىلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەلا سۈپەتلىك، خاس مەھسۇلاتلارنى چوڭقۇر قېزىپ، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «جۇڭگو قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى» قاچىلاش تەكلىپىنى بەردى.
ئەزا رامىلە مەمەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنى زامانىۋى مەدەنىيلىك بويىچە تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىك قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن زامانىۋى مەدەنىيلىك گۈللىرىنى سۇغىرىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەزا ليۇ مىڭجۈن چياۋمىن ئىشلىرى خىزمىتى سۇپىسى ۋە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت سىرتىدىكى تاراتقۇلار بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن چياۋمىنلارنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كۈچ قوشۇش تەكلىپىنى بەردى.