1- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ئۈرۈمچى- بېيجىڭ Z70 نۆۋەتچى پويىزنىڭ بېيجىڭ 3- گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملىرى ۋاگونغا قاراپ ماڭماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
1- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال سۇپىسىدا ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان Z70 نۆۋەتچى پويىزنىڭ قوزغىلىشىغا يەنە بىر سائەت 20 مىنۇت قالغانىدى. ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى بېيجىڭ پويىز ئەترىتى بېيجىڭ 3- گۇرۇپپىسىنىڭ پويىز باشلىقى جوۋ شەنشەن ۋە گۇرۇپپىدىكى 21 ئەزا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
Z69/70 نۆۋەتچى پويىز شىنجاڭدىن بېيجىڭغا قاتنىغان تۇنجى نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، 1969- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇنجى قېتىم قاتنىغان. 50 نەچچە يىللىق بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپىدە ئۇنىڭ يۈرۈش مۇساپىسى 3774 كىلومېتىردىن 3165 كىلومېتىرغا قىسقاردى، بۇ «ۋاقىت پويىزى» يىللار رېلىسىدا چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇردى، ئۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا، شۇنداقلا پويىز خادىملىرىنىڭ باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئەسلىي مەقسىتىگە گۇۋاھ بولدى.
ئىللىقلىققا تولغان ۋاگون
ئوت ئۆچۈرگۈچنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى تەكشۈرۈش، ھاجەتخانىنىڭ سۇ بېسىمىنى سىناش، ماتۇڭلۇق ھاجەتخانىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقى، رادىيو ئاۋازىنىڭ مۇۋاپىق بولغان- بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش... پويىزغا چىققاندىن كېيىن، جوۋ شەنشەن بىر مىنۇتمۇ بىكار تۇرمىدى.
15- نومۇرلۇق ئاشخانا ۋاگونىغا كەلگەندىن كېيىن، مۇخبىر بىر تاماق ئۈستىلىگە ئىككى ھەمبەھىر توكدان سەپلەنگەنلىكىنى كۆردى. جوۋ شەنشەن يان تېلېفونىدا ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلغاندىن كېيىن، توكداننىڭ ئىجارىگە ئېلىنىش قېتىم سانى كۆرۈلدى. جوۋ شەنشەن مۇنداق دېدى: «بۇ تەلەپكە ئۇيغۇن، ئەگەر ئىشلىتىش قېتىم سانىدىن ئېشىپ كەتسە، بىز زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز».
بىر تەرەپتىكى تاماق ئۈستىلىگە قويۇلغان قورۇما تىزىملىكىدە شىنجاڭ لەڭمىنى، داپەنجى، جياۋماجى قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە تۇغۇلغان كۈن يۈرۈشلۈك تامىقى، بايراملىق تاماق، ياشانغانلار تامىقى قاتارلىقلار بار ئىدى. جوۋ شەنشەن مۇنداق دېدى: «بۇ يېڭىدىن چىقىرىلغان قورۇما تۈرى، تۇغۇلغان كۈن يۈرۈشلۈك تامىقىدا يەنە چاڭشوۋميەن بار، بايراملىق تاماق ئاساسلىقى جۇۋاۋا، يۈەنشياۋ، زۇڭزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
16- نومۇرلۇق ۋاگوندا قار لەيلىسى مېھىر- شەپقەت مەخسۇس ئورنىدىن بەشى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلار سىرتقا سېتىلماي، ئاساسلىقى پويىز بېلىتى سېتىۋالالمىغان قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ.
پاكىز ئورۇندۇق، كارىۋات، ئاپئاق يوتقان كىرلىكى، ئازادە يۈز يۇيۇش سۇپىسى ۋە ھاجەتخانا... گەرچە بۇلارنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
پويىز خىزمەتچىسى چېڭ جىڭچيۇ مۇنداق دېدى: «پويىز مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشتا جەزمەن ھەربىر نۇقتىنى ياخشى يىغىشتۇرۇش- تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا مۇھىت گۈزەللىشىدۇ، يۈزىمىزمۇ يورۇق بولىدۇ».
ۋاگونغا خەلققە قولاي مۇلازىمەت ساندۇقى سەپلەنگەن بولۇپ، ئىچىگە قول ئاسراش مېيى، كۆز تورلىشىشتىن ساقلىنىش ئەينىكى، قەلەم- قەغەز، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قۇلاق پۇرۇپكىسى، ئىلغۇچ، چىش يىپى، ئاياغ سۈرتۈش قەغىزى، يىپ- يىڭنە، چاڭ- توزان تازىلىغۇچ، پىلاستىر، زەرەتلىگۈچ سىمى، زەرەتلىگۈچ قاتارلىق بۇيۇملار سېلىنىپ، يولۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلغانىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەربىر ۋاگونغا بىردىن پويىز ۋاگونلىرىنىڭ خەرىتىسى ئېسىلغان بولۇپ، ئۈستىدە ھەربىر ۋاگوننىڭ خاراكتېرى ۋە ئىقتىدارى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
سەمىمىي مۇلازىمەت
سائەت 13:25تە چوڭ- كىچىك يۈك- تاقلارنى كۆتۈرۈۋالغان يولۇچىلار ۋوگزال سۇپىسىغا ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.
«ياخشىمۇ سىز! پويىزغا ئولتۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، 11- نومۇرلۇق ۋاگونغا چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق ئالدىغا مېڭىڭ!»، «خانىم، ياخشىمۇ سىز! بالىڭىزغا ياخشى قاراڭ، ۋوگزال سۇپىسىدا يۈگۈرۈپ ئوينىمىسۇن، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ! رەھمەت!»... جوۋ شەنشەن كۈلۈمسىرىگىنىچە يولۇچىلارغا بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بەردى. چاچلىرى ئاقارغان بىر بوۋاينىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن جوۋ شەنشەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ بوۋاينى ۋاگونغا باشلاپ چىقىپ، ئورنىنى تېپىپ ئولتۇرغۇزدى. ھەممە ئىشلارنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق ئالدىراش ئىشلەپ كەتتى.
جوۋ شەنشەن بىر ياش ئايالنىڭ توكلۇق چاي قايناتقۇچ كۇنۇپكىسىنىڭ قايسىسىنى بېسىشنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مىيىقىدا كۈلگىنىچە بۇ يولۇچىنىڭ قولىدىكى تەييار چۆپنى ئېلىپ قايناق سۇ چۈشۈرۈپ بېرىپ: «بەك قىزىق، ئورنىڭىزغا قايتقۇچە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ» دەپ تاپىلىدى.
«جاڭ بوۋاي، ئورنى 8- ۋاگوندا، يۈرەك كېسىلى بار، سالامەتلىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ، دائىم ئېلىپ يۈرىدىغان دورىسى سومكىسىنىڭ سول تەرەپ يانچۇقىدا...»، «لى خانىم، ئورنى 6- ۋاگوندا، قۇچىقىدا بوۋىقى بار، سۈت پاراشوكى دەملەشكە، قوشۇمچە يېمەكلىكنى ئىسسىتىشقا ئېھتىياجى بولۇشى مۇمكىن...» جوۋ شەنشەننىڭ يان تېلېفونىغا يېزىۋالغان خاتىرىسىدە خەۋەر ئېلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم نۇقتىلىق يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بار ئىدى. پويىز يۈرۈۋاتقاندا جوۋ شەنشەن يان تېلېفونىدىكى ئىزاھاتقا ئاساسەن پويىز خادىمىغا يۈرەك كېسىلى بار جاڭ بوۋاينىڭ قان بېسىمىنى ۋاقتىدا ئۆلچەشنى ئەسكەرتىدۇ؛ بوۋىقى بار لى خانىمغا ئىلمان قايناق سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە تىنچ، ئازادە ئارام ئېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ ياشانغان يولۇچىلار ھەرىكىتى قولايسىز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋوگزالدا چۈشۈپ قالماقچى بولسا، ۋوگزال بىلەن ئالدىن ماسلىشىپ، چاقلىق ئورۇندۇق مۇلازىمىتىنى تەييارلايدۇ.
جوۋ شەنشەن مۇنداق دېدى: «ۋاگوندىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مۇھىتتا، پويىز باشلىقى يولۇچىلار ئەڭ ئىشىنىدىغان كىشى. ئۇچامدىكى فورما بولغاچقا باشقىلار ماڭا ئىنتايىن ئىشىنىدۇ، شۇڭا مەنمۇ بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ياخشى ئېلىشىم كېرەك، مېنىڭچە، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى نۇقتىنىڭ بىرى سەۋرچان بولۇش، يەنە بىرى ئىنچىكە بولۇش. يولۇچىلار بىزدىن ياردەم سورىغاندا ئۇششاق ئىشلاردا زېرىكمەسلىكىمىز، چوڭ ئىشلاردا ھودۇقماسلىقىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىپ، مۇلازىمەتنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يولۇچىلار ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن قىلىشىمىز كېرەك. بۇلارنى مەن پېشقەدەم خىزمەتچىلەردىن ئۆگەنگەن».
ۋاگون ئىچىدە قانچە ئوت ئۆچۈرگۈچ بارلىقىنى، بىخەتەرلىك بولقىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى جوۋ شەنشەن بەش قولدەك بىلىدۇ. ھەر قېتىم پويىزدا قاتنىغاندا، ئۇ نەچچە يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پويىزنى ئىككى سائەتتە بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ، بىر كۈندە ئاساسىي جەھەتتىن 20 مىڭ قەدەم ماڭىدۇ.
ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسەت
ۋاگوندىكى ساياھەتچىلەر ئىچىدە ئۆزى يالغۇز يىراققا سەپەر قىلغانلارمۇ، توپ- توپ بولۇپ ماڭغانلارمۇ، بالىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ماڭغانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانسا، بەزىلىرى پاراڭلىشاتتى، يەنە بەزىلىرى ئۇيان- بۇيان ماڭاتتى... بەلكىم دەل مۇشۇنداق ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش تۇيغۇسى بولغاچقا، بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ نۇرغۇن سادىق يولۇچىلىرى بار بولغان.
يولۇچى جاڭ يوۋچيەننىڭ Z70 نۆۋەتچى پويىزغا 3- قېتىم ئولتۇرۇشى، ئۇ بۇ قېتىم باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييۈەنگە ماڭغان بولۇپ، ئۆرۈك قېقى، بادام، قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنى ئېلىۋالغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمگە بەش يىل بولدى، بۇ پويىزنى ناھايىتى پىششىق بىلىمەن، قەدىناس بولۇپ قالدۇق، پويىز خادىملىرىمۇ ناھايىتى مۇلايىم، سەپەردە يەنە بەزى يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشقىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتسەك ۋاقىتمۇ ناھايىتى تېز ئۆتىدۇ».
يولۇچى ليۇ شياۋ مۇنداق دېدى: «ئۆزۈمنى بۇ پويىز بىلەن تەقدىرداش دېسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى ئاتا- ئانام نەچچە ئون يىل ئىلگىرىلا بۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ باققان، ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىللاردا بېيجىڭغا بىرەر قېتىم بارغانلارغا ئەتراپتىكىلەر بەك ھەۋەس قىلىدىكەنتۇق».
قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندا خېبېيغا بايرام ئۆتكۈزگىلى قايتقان يۈەن شياۋشۇەي يۈك- تاقلىرىنى يۈك- تاق جازىسىغا قويۇۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر يىل تىرىشىپ ئىشلىدىم، ئەمدى بايرام ئۆتكۈزگىلى ئۆيگە ماڭدىم».
يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى پويىز خادىمى چېن لىپىڭ سىزغان ھەجۋىي رەسىملەردىكى باش پېرسوناژ. چېن لىپىڭنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىدە سەھەردىكى ۋوگزال سۇپىسىدا ئۈمىدكە تولغان چېھرى بىلەن يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىۋاتقان ئاشۇ سىيمالار بار؛ ۋاگون ئىچىدە ياشانغانلارنىڭ يۈك- تاق قويۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان، بالىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋاتقان ئىللىق مەنزىرە بار؛ يەنە ھەر خىل تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان جىددىي پەيتلەرمۇ بار. ھەربىر پارچە رەسىمگە قىسقا ھەم جانلىق بايانلار، يولۇچىلارنىڭ بىر ئېغىز رەھمەت سۆزى ياكى ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى تەسىراتى كىرىشتۈرۈلگەن.
«مەن خاتىرەمگە پويىز خىزمەتچىسى بولغان تۇنجى كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ۋە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمنى خاتىرىلىدىم» دېدى 21 ياشلىق چېن لىپىڭ. ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئاچساق «خەلق تۆمۈريولى خەلق ئۈچۈن» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئەڭ چېلىقىپ تۇرىدۇ، يەنە مېھىر- مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىققا تولغان سۈرەتلەر چاپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چېن لىپىڭ ۋە بىر موماينىڭ خۇشال تەبەسسۇمى، قىزچاق بىلەن بىللە رەسىم سىزىۋاتقان گۈزەل كۆرۈنۈشى، يەنە ئۇنىڭ ئوغۇل بالىنى كۆتۈرۈپ بەزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى بار... ئۇ مۇنداق دېدى: «پويىز يۈرۈش جەريانىدا سەپەر ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق، شۇڭا بالىلار زېرىكىش ۋە تىت- تىت بولۇشتىن خالىي بولالمايدۇ، ئۇلارنىڭ يىغلىشىمۇ ناھايىتى نورمال، مەن دائىم قەغەز- قەلەم تەييارلاپ، ئۇلار بىلەن بىللە رەسىم سىزىمەن. بىر قىزچاق بىلەن رەسىم سىزغىنىمنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن، بىز ئۆزئارا بىر- بىرىمىزنىڭ رەسىمىنى سىزدۇق، قىزچاق مەن سىزغان رەسىمنى بەك ياقتۇردى ۋە ماڭا ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ئېيتتى، چۈشىدىغان ۋوگزالغا كەلگەندە قىزچاق ئاتايىن قېشىمغا كېلىپ مەن بىلەن خوشلاشتى، بۇ ئىش مېنى ئاجايىپ ئىللىقلىق ھەم خۇشاللىققا چۆمدۈردى».
24 ياشلىق چېڭ جىڭچيۇغا نىسبەتەن خىزمەتكە چۈشۈپ ئىش ئورنىغا چىقىش تەربىيەسى ئېلىۋاتقاندا گۇرۇھ شىركەتنىڭ تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان شۇ كۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ تۇنجى قېتىم بېيجىڭ 3- گۇرۇپپىسى دېگەن جاراڭلىق ئىسىمدىن خەۋەردار بولغانىدى.
«نۇرغۇن سىن ۋە سۈرەتنى كۆرۈپ، پېشقەدەملەرنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە قەيسەرلىكىدىن تەسىرلەندىم، مېنىڭ ئىزچىل بېيجىڭ 3- گۇرۇپپىسىغا كىرگۈم بار ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى» دېدى چېڭ جىڭچيۇ. «مەن <نۇرغا يېقىنلىشىڭ، نۇرغا ئەگىشىڭ، ئاخىرىدا نۇرغا ئايلىنىڭ> دېگەن گەپنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن. قەلبىمىزدە قىزغىن مۇھەببەتنىڭ بارلىقىغا، ئارزۇغا توختىماي ئىنتىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ھامان ئارزۇسىغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
جوۋ شەنشەن مۇنداق دېدى: مەن تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىدىكى ئەزالارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 26 ياش، بۇ ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ- روھلۇق قوشۇن، بۈگۈنكى كۈندىكى Z69/70نۆۋەتچى پويىز خۇددى «ۋاقىت پويىزى»غا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىر ئۇچى ئىلگىرىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن تارىخقا، يەنە بىر ئۇچى چەكسىز مۇمكىنچىلىككە تولغان كەلگۈسىگە تۇتاشقان، گەرچە پويىزنىڭ سىرتقى گەۋدىسى، سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ 3- گۇرۇپپىسىنىڭ مۇلازىمەتتىكى ئەسلىي مەقسىتى باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمىدى.
سائەت 14:00تە گۈدۈك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، Z70 نۆۋەتچى پويىز ئاستا- ئاستا قوزغىلىپ، يەنە بىر قېتىملىق سەپىرىنى باشلىدى. (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن، پىراكتىكانت مۇخبىر جاڭ ياتىڭ)