ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى «ئەزالار يولى»دا مېڭىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
10:59:34 2025-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «ۋەكىللەر يولى» «ئەزالار يولى» تەسىس قىلىندى. 1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن، «ئەزالار يولى» مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تەخمىنەن يېرىم سائەت ۋاقىتتا، دىققەت كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەدەبىيات- سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، چېگرا بويىدىكى جايلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى قىزىق نۇقتا، يارقىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەدىن كەلگەن ئالتە ئەزاسى تەرتىپ بىلەن «ئەزالار يولى»دا مېڭىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇلار ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، نەتىجىلەرنى بايان قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان مەسىلىلەرگە سەمىمىي ئىنكاس قايتۇردى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يۈرەك ساداسىنى كەڭ- كۇشادە ئىپادىلىدى. مىكروفون خەلقنىڭ ساداسى ۋە خەلقنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزدى. ئىشەنچ بۇ جايدا ئۇرغۇدى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بۇ جايدا مەۋج ئۇردى.

كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىلىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سىگنالى ھەمدە ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالدى.

ئەزا گاۋ جيەنجۈن شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ، مول شامال، يورۇقلۇق بايلىقىغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تايانچ نۇقتىغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى؛ ئەزا ئاينۇر مەۋلۇت تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت يازغۇچىلار، ئەدەبىيات- سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان خۇشاللىقنى ھەمبەھرىلەپ: بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاۋاتلىقىنى نامايان قىلىشقا قويۇق رەڭدار ھۆسن قوشتى، دەپ قارىدى؛ ئەزا توختى راخمان ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى بايان قىلدى؛ ئەزا جاۋ لى 34 يىلدىن بۇيان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قانداق قىلىپ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش جەھەتتە يېتەرلىك ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى؛ ئەزا قۇربانقۇل كاماس ئېگىزلىكتىكى چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ساپ مۇھەببىتىنى ۋەتەنگە بېغىشلىغانلىقىدەك دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مەدھىيەلىدى ھەم يۇرتىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى؛ ئەزا يىن شېڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى ئىپتىخارلىق بىلەن ھەمبەھرىلىدى.

ھەربىر جۈملە باياندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك، جانلىق نامايان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش»نىڭ بىر جۈملە ئاددىي شوئار ئەمەس، بەلكى ئەزالارنىڭ قەلبىگە پۈككەن ئېتىقادى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125