ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقتى
11:04:57 2025-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

1- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار ئۆزى تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىلاردا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025- يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئەزالار كەڭ- كۇشادە سۆز قىلىپ، ھەركىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تولۇق سىڭدۈرۈلۈپتۇ، يۈكسەكلىكى يۇقىرى، مەزمۇنى دەل جايىدا ھەم ئەمەلىي بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش- ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن پۇختا خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ، 2025- يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، بايرىقى روشەن، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دادىل ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

«دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چەكسىز ھاياجانلاندىم، چوڭقۇر ئىلھاملاندىم.» ئەزا جياڭ خەيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: دوكلات ھەم ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە ئىگە، ھەم ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇپ، بىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىم، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىم ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى سىجىل ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، خاس پەن يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

ئەزا دېڭ شۈەنبىن مۇنداق قارىدى: دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ سىياسىي خاراكتېرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىپتۇ؛ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمى ئەمەلىي بولۇپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش- ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپتۇ؛ خىزمەتتە يارىتىلغان يېڭىلىقلار كۆپ بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خاس ماركىسى يارىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپتۇ؛ مۇلازىمەت ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، ئەزالار، ئامما، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىپتۇ؛ ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيە كەيپىياتى قويۇق بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپتۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەدەنىيەت- سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دىققەتنى ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمەن؛ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئايلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن.

«2024- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باشتىن- ئاخىر مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، بىر پارچە يارقىن جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.» ئەزا لى لىڭخۇي مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، مەسئۇلىيىتىمنى پائال ئادا قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئاياللار ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ياخشى سىردىشى بولىمەن.

«دوكلاتنىڭ مەزمۇنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، نەتىجىلەر گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئىشەنچىمنى كۈچەيتتى.» ئەزا ۋاڭ مەن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپى بىرقەدەر ياخشى نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى، يۈك توشۇش مىقدارى، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش نىسبىتىدە زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى، باجدىن خالىي رېمونت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىن دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىنىڭ تەلىپى بويىچە، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن.

ئەزا يۈ مېي مۇنداق بىلدۈردى: دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىي، سۈپەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. تېبابەت- دورىگەرلىك- سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پىسخولوگىيەلىك گىگېنا كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە پىسخولوگىيەسى بىلەن مەھەللىنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن.

ئەزا گاۋ خۇيلىڭ تولى ناھىيەسى تولى بازارلىق قانۇن مۇلازىمىتى ئورنىنىڭ مۇدىرى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ساپا ۋە ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشقا كۈچلۈك تىرەك ھازىرلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزۈمنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن.

ئەزا رىزۋانگۈل تۇرسۇن خەلق ساقچىسى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ سىردىشى، دىلكىشى بولىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ شىيا، رېن جياڭ، سى لۇلۇ، چېن چياڭۋېي، ۋاڭ نا، سۈي يۈنيەن، پىراكتىكانت ليۇ دەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125