ئىككى يىغىن تېز خەۋىرى | 2025- يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنى 3- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
13:55:24 2025-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2025- يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ 3- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) 2025- يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنى 3- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 11دە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىنى چۈشەندۈرۈش». ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېن شۆلياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى جوۋ شۈيۇڭ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شۈ خۇڭيۈن؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شيې يىڭجوۋ؛ ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۇيجۈن ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1- ئاينىڭ 20- كۈنى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى 2025- يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئېلان قىلىش زالىدا خەۋەر بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125