ليۇ X قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرمىگەن ئەھۋالدا، ئوغلى ليۇ XXنى موخوركا سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغان ھەم تېز يەتكۈزۈش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىگە توشۇپ ئاپارغان. كېيىن، ليۇ X توشۇپ ئەكەلگەن موخوركىنى ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ئىجارە ئۆيدە ساقلىغان ھەم كۆپ قېتىم سىرتقا ساتقان. كونىشەھەر ناھىيەلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى 2022- يىلى 4- ئاينىڭ ئالدى- كەينىدە ليۇ Xنى ئىككى قېتىم مەمۇرىي جەھەتتىن جازالىغان بولسىمۇ، لېكىن ليۇ X يەنىلا داۋاملىق ساتقان. 2024- يىلى 2- ئايدا، ليۇ X كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسى بازىرىدا موخوركا سېتىۋاتقاندا، كونىشەھەر ناھىيەلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن ھەم تۇرالغۇسىدىن 1500 كىلوگىرام موخوركا تەكشۈرۈپ تېپىلغان. كونىشەھەر ناھىيەلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن 1500 كىلوگىرام تاماكىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇمنىڭ باھاسى 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق، 4845 كىلوگىرام موخوركا سېتىپ بولۇنغان، بۇنىڭدىن 48 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدا ئالغان، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى جەمئىي 119 مىڭ يۈەندىن ئاشقان دەپ بېكىتكەن.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ليۇ X دۆلەتنىڭ تاماكا مەخسۇس سېتىشنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاماكا مەخسۇس سېتىش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، تاماكا مەخسۇس پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بولمىغان ئەھۋالدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەخسۇس سېتىلىدىغان بۇيۇملار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 110 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، قىلمىشى ئېغىر، بۇ قىلمىش قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارىغان. ئاخىرىدا ليۇ X بىر يىل بىر ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن ئىشتراف قويۇلغان؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن 48 مىڭ يۈەن تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان؛ تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن 1500 كىلوگىرام موخوركا مۇسادىرە قىلىنغان.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 225- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قانۇنسىز تىجارەتلەرنىڭ بىرىنى قىلىپ بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم ئىشتىراف قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن ئىشتىراف قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ (1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەخسۇس تىجارەت، مەخسۇس سېتىش بەلگىلەنگەن نەرسە ياكى ئېلىپ سېتىشتا چەك قويۇلغان باشقا نەرسە تىجارىتىنى ئىجازەتسىز قىلغانلار؛ (2) ئىمپورت- ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى، ئىمپورت- ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەنگەن جايى توغرىسىدىكى ئىسپات ۋە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياكى تەستىق ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ ساتقانلار؛ (3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاكسىيە، زاكاز مال، سۇغۇرتا كەسپىنى قانۇنسىز يولغا قويغان ياكى مەبلەغ ئارقىلىق راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلار؛ (4) بازار تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا قانۇنسىز تىجارەتنى قىلغانلار.
سودىيەنىڭ ئەسكەرتىشى: قانۇنلۇق، يوللۇق بازار سودىسى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، لېكىن بارلىق تاۋارلارنى ئەركىن سودا قىلسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تاماكا دۆلەت قاتتىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىغان مەخسۇس سېتىلىدىغان، مەخسۇس تىجارەت قىلىنىدىغان تاۋار بولۇپ، تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ سېتىش جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. تاماكا مەخسۇس سېتىش بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، تاماكا مەخسۇس سېتىش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ھەمدە تاماكا مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى، تاماكا مەخسۇس توپ سېتىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى، تاماكا مەخسۇس پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئىجازەت گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىش كېرەك. بۇ يەردە كەڭ ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ھەرگىز شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، تەلەي سىناپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تېز پۇل تېپىشقا ئۇرۇنماڭ، مۇبادا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسىڭىز، پايدا ئالالمايلا قالماي ئەكسىچە جىنايى جازاغا ئۇچراپ، تۈرمىگە كىرىپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز.
(قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن لى خۇڭمېي)
تەرجىمان: مەۋجۈدە ئابدۇخالىق