1- ئاينىڭ 16 -كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش رايونىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قولدا ياساش جەريانىنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشەنمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن خەۋىرى، فوتوسى) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ- ئادەت بىلەن ئۇچراشسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ 1- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە «قۇتلۇق يىلان يىلىدا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش» تېمىسىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش زىياپىتىنى تەقدىم ئەتتى.
يۈرۈڭ، بىز بىرلىكتە بۇ ئۆزگىچە باھار بايرىمى كەيپىياتىغا تولغان مەدەنىيەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدىكى ئاشۇ «ئوتتەك قىزغىن» دەقىقىلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىدە، ئەڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغىنى چۇنليەن يېزىپ «بەخت» خېتى سوۋغا قىلىش، «رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» بويىچە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بولدى، تاماشىبىنلار جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى چۆكۈش شەكىلدە ھېس قىلدى، باھار بايرىمى كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇق بولدى.
1- ئاينىڭ 16- كۈنى، «قۇتلۇق يىلان يىلىدا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش» پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، سەنئەتكارلار ئوپچە چالغۇدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»نى ئورۇنلىماقتا.
1- ئاينىڭ 16- كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش رايونىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان قەغەز قىيما قىيىش جەريانىنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشەنمەكتە.
1- ئاينىڭ 16- كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش رايونىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان رەخت يولۋاس ياساش جەريانىنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشەنمەكتە.
1- ئاينىڭ 16- كۈنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش رايونىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان تاڭرېن كەمپۈتى ياساش جەريانىنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشەنمەكتە.
1- ئاينىڭ 16- كۈنى، خەتتاتلار نەق مەيداندا باھار بايرىمىلىق چۇنليەن يازماقتا.