باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مېھىر- مۇھەببەت قەھرىتان قىشنى ئىللىتتى. مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ ھال سوراش گۇرۇپپىسى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى غېنى جۈمە، ليۇ يۈليەننى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى ھەم گۈل ۋە ھال سوراش پۇلى بەردى.
ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە غېنى جۈمەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ، خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا بولغان غەمخورلۇقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھال سورىدى.
«قولۇڭنى تارت! ئۇ مېنىڭ سىڭلىم!». 2005- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى، غېنى جۈمە قارا نىيەتلەرنىڭ تەھدىتى ئالدىدا كۈچلۈك ئاۋازدا ۋارقىراپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋاڭ لىنى قۇتقۇزۇۋالدى. ھازىر ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ شىخابا ساقچىخانىسى 5- كۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى بولۇپ، ئاھالىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى (مۇرەسسە قىلىپ) ماسلاشتۇرۇپ كېلىشتۈرۈش، ھەل قىلىشقا چىن قەلبىدىن كۈچەپ، ئامما خىزمىتىنى يېقىشلىق، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەر غېنى جۈمەنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇنى نەمۇنە بولۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، توغرا كەيپىياتنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنى ئۆگىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىشكە پائال يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇردى.
ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدىكى 70 نەچچە ياشلىق موماي ليۇ يۈليەننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش، سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلەپ، ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان يېزا- بازارنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم ئۇنىڭغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.
ليۇ يۈليەن قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى ئاستانە بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتتە مەيلى كىم ئاغرىپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا ئاغرىقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسىلىنى كۆرگەن، ئەزەلدىن كېسەل كۆرۈش ھەققى ئالمىغان، يەنە دائىم نامرات ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئالدىن تۆلەپ بەرگەن. ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ، دوختۇرخانىدا پىدائىيلىق سالاھىيىتى بىلەن داۋاملىق ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن. ليۇ يۈليەن ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىگە ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن داۋاملىق نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھەربىر سۆز- ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پائال ھالدا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن». (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ)