بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ماھارەت تۈرى ئەڭ كۆپ بولدى
17:12:00 2025-01-20 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 مۇخبىرنىڭ 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرى ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپا قار- مۇز مۇسابىقىسى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرىدە جەمئىي يەتتە چوڭ تۈر، ئون تارماق تۈر، 180 كىچىك تۈر بار، مۇسابىقە ياش ئايرىمىسىغا ئاساسەن A گۇرۇپپا، B گۇرۇپپا، C گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، جەمئىي 180 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدىكەن. يەتتە چوڭ تۈر ئايرىم- ئايرىم: مۇز تېيىلىش (تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، قىسقا يولدا تېز تېيىلىش)، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، چاڭغا تېيىلىش (دالىدا چاڭغا تېيىلىش، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش، يەككە تاختىدا چاڭغا تېيىلىش)، مۇز توپ، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش، دالىدا چاقلىق كانكى تېيىلىش، چاقلىق كانكى تېيىلىشتىن ئىبارەت. ھازىرغىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن 80 تەنھەرىكەت كوماندىسى، 1200دىن ئارتۇق تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچى ماھارەت تەنتەربىيە تۈرىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.

 ماھارەت تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى جەھەتتە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 63 كىچىك تۈر كۆپ بولغان. چاقلىق كانكى تېيىلىش، دالىدا چاقلىق كانكى تېيىلىش قاتارلىق ئىككى تۈردىن باشقا، قالغان تۈرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇ، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ قار- مۇز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قار- مۇز ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە مۇسابىقە ئارقىلىق قار- مۇز ماھارەت تەنتەربىيەسى زاپاس ئىختىساسلىقلىرى قېزىپ ۋە تاللاپ چىقىلىدىكەن.

 ئاممىۋى گۇرۇپپا قار- مۇز مۇسابىقىسى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش، دالىدا چاڭغا تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا چاڭغا تېيىلىش، قار- مۇز مارافونى قاتارلىق سەككىز تۈر ۋە بىر قىش پەسىللىك تەنتەربىيە كاتتا بايرام پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (مۇخبىر چېن يەنفاڭ، ۋاڭ چاڭتۇڭ، لى كەي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125