قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆپ ئورۇنلار ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى
17:17:31 2025-01-20 قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

سۈرەتتە: باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، يولۇچىلار ئىللىقلىققا تولغان ئۆيگە قايتىش يولىغا قەدەم ئالدى.

  1- ئاينىڭ 14- كۈنى، 2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، قەشقەر ۋىلايىتى سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. قەشقەر ۋوگزالىدا، رادىيودا پويىز ئۇچۇرى توختىماي ئاڭلىتىلدى، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارنى تەرتىپلىك ھالدا بېلەت تەكشۈرتۈشكە سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىدى؛ پويىز كۈتۈش زالىدا، يۇرتىغا قايتىدىغان يولۇچىلار قايتىشقا تەقەززا بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش خۇشاللىقىنى ھەمبەھرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىكى ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش سۇپىسى ئالدىمۇ ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتتى، خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارغا تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىپ بەردى. ئاپتوموبىل بېكىتىدە، لىق يولۇچى ئولتۇرغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى تەرتىپلىك ھالدا بېكەتكە كىرىپ- چىقىپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى.    

 قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت بويىچە باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى مەخسۇس بەنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە جەمئىي 91 مىڭ 202 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تاشيول يولۇچى تىرانسپورتى لىنىيەسىگە سېلىنغان ئاپتوموبىل 6045 بولۇپ، 51 مىڭ 772 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان؛ تۆمۈر يولدا 28 پويىز قاتناپ، 28 مىڭ 13 ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە پورتقا كىرگەن- چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلان 107 ئايروپىلان قېتىمغا، توشۇلغان يولۇچى 11 مىڭ 417 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشىدا يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشى، سەپەرگە چىقىشنىڭ بېسىق مەزگىلى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىشنىڭ كۆپىيىشى، تىرانسپورت بىخەتەرلىكى سىنىقىنىڭ كەسكىنلىشىشى، شۇنداقلا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلگەن. پۈتكۈل باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.

 باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تىرانسپورت بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇردى. تاشيول يولۇچى توشۇش تارماقلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۆمۈريول يولۇچى توشۇش تارماقلىرى ئەھۋالغا قاراپ نۆۋەتچى پويىز قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچى توشۇش تارماقلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، ئايروپىلان تىپىنى ئالماشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار يەنە يول تورىنى يۈرۈشتۈرۈش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، كۆپ تارماق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈردى ھەمدە «ئىللىقلىققا تولغان سەپەر» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق يولۇچىلارغا سەپەرگە چىقىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. (مۇخبىرلار چېن جاۋ، فېڭ پېڭپېڭ) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125