ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئېچىلدى
18:31:53 2025-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئېچىلدى 

 ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتناشتى

 ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى  زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى

 نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

1- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىگە ئېلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

 شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى، دۆلەت گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ كەينىدىكى پەردىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بولۇپ، قىپقىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى.

 ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. 

 ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ۋاڭ لىن، ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، جاۋ تيەنجيې رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. ئېچىلىش يىغىنىغا زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 544 كىشى، قاتناشقان ۋەكىل 513 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

 يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. 

 ئەركىن تۇنىياز ئالدى بىلەن 2024- يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2023- يىلىدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %8  ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %6.9 ئاشتى، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى %21.8 ئاشتى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم- ئايرىم ھالدا %5.5، %8.2 ئاشتى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەر بىرقەدەر ياخشى تاماملاندى.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12-، 13- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، «15- بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى %12 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %6 ئەتراپىدا، %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك: نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش؛ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېزلىتىپ، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى توپلاشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش؛ بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىنچ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. 

 ئەركىن تۇنىياز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

 يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2025- يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈلدى.

 رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن قىسمەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتارلىقلار بار.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

 ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋەكىللىرى تەكلىپ بويىچە يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125