ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى ۋە مۇھىت- بايلىق ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى
1- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى ۋە مۇھىت- بايلىق ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى ۋە مۇھىت- بايلىق ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى باشتىن- ئاخىر قەلبكە پۈكۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئۈنۈمىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن جاڭ رۇي، ئەيساجان ئابلا، ليۇ ۋۇجۈن، جاۋ جىگاڭ، سۇلتان دانىرقان، ما كەي، يى يۈەنرۇڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قىش پەسىللىك مېۋە- كۆكتات تەمىنات بازىسى قۇرۇش، چارۋىچىلىق بىلەن مەدەنىيەت- ساياھەتنى يۇغۇرۇپ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ماس پايدىلىنىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭ باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆمۈر ئاساسىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ھازىرقى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقتى، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي سۆز قىلغان ئەزالار بىلەن ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ما شىڭرۇي ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن. بىز بۇ ئىلگىرىلەش ۋە ئۆزگىرىشلەردىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن كۈچنى ئىگىلەپ، كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، يېڭى بىر يىلدا داۋاملىق ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۇلنى كۈچەيتىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خاس ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىق ئۈستۈنلۈكى ياخشى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، بۇ ئىككى يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئاشلىق ھوسۇلى سىجىل ئېشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلدى. ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپ زەنجىرىنىڭ سىجىل تۈردە تۆۋەن ئېقىنغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى- ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇردىن بۇيان، بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى مۇھىم ساھەلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت قوغداش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشىمىز كېرەك. سىستېمىلىق، ئىلمىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىشىمىز، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. «سۇ»غا دائىر خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، چوڭ- چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق ئەۋزەللىكى، رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئومۇملۇق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش ۋە سېلىشتۇرۇش داۋامىدا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر- تەكلىپلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، كۈچ توپلىشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، كۇڭ شىڭلۇڭ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)