جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2024- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى
جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2024- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2035- يىلىغا بارغاندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يۈزلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
«پىروگرامما» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىللىق خاراكتېرى، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ كەڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ مائارىپ باشقۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىك كۈچى، ئىختىساسلىقلار رىقابەت كۈچى، پەن- تېخنىكا تايانچ كۈچى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچى، جەمئىيەت ماسلىشىش كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
«پىروگرامما»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىش، ماس يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، پۈتۈن دۇنيانى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تىرەك بولۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، بىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئەتراپلىق يېتىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، قېلىپلاشقان- تەرتىپلىك بولۇش بىلەن ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، جۇڭگونىڭ كەڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىش بىلەن خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ روھنى تاۋلايدىغان ئىدىيەۋى- سىياسىي مائارىپ سىستېمىسى، ئادىل، ئەلا سۈپەتلىك ئاساس مائارىپ سىستېمىسى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئالاھىدە ئالىي مائارىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى، ئومۇميۈزلۈك يەتكىلى بولىدىغان ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستېمىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان پەن- تېخنىكا تىرەك سىستېمىسى، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سىستېمىسى، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، چوڭ بولۇشتىن كۈچلۈك بولۇشقا ئۆتۈشتەك سىستېمىلىق يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
«پىروگرامما»دا 2027- يىلى ۋە 2035- يىلىغىچە بولغان ئاساسلىق نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، توققۇز جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسى يارىتىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش؛ ئاساس مائارىپنى كۈچلۈك ۋە ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختىلاش؛ ئالىي مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش كۈچى بەرپا قىلىش؛ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش؛ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، قابىل ھۈنەرۋەنلەر، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛ ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى مۇسابىقە يولى ئېچىش، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىش؛ يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش؛ مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم مائارىپ مەركىزى قۇرۇش.
«پىروگرامما»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەت مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەت بېرىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)