ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.
ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: 2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭ خىزمىتىنى دۆلەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى داۋاملىق ساقلىدى، بۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىستېمال بىلەن ئېشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مىقدار بىلەن سۈپەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھازىرقى نىشان- ۋەزىپىلەر ئاساسىدا، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، قانچىلىك كۆپ ئىشلىگىلى بولسا شۇنچىلىك كۆپ ئىشلەش كېرەك. كونا- يېڭى قۇۋۋەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ھېسابلاش كۈچى، بىيوياسىمىچىلىق، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىك ۋە ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تېخىمۇ كۆپ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەتنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلى ئوبلاستى ئىقتىساد چوڭ ئوبلاستىلىق مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، نۇقتىلىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئېشىش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسى، تىرەك نۇقتىسى، خەۋپ- خەتەر نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىپ، 1- پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ماركىلارنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ساياھەت تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە ھەتتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشى كېرەك؛ بۇغداي تېرىش، قوناق يېتىشتۈرۈش، بىيودورىگەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ تەنتەربىيە چوڭ ئوبلاستى بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇتبولنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چىڭ قادىلىپ، تىرىشىپ ئىلى ئوبلاستىنى جۇڭگو ۋە چەت ئەلگە داڭلىق پۇتبول ئىختىساسلىقلىرى بۆشۈكى ۋە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ كۆلىمىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك؛ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تېز ئاشۇرۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى كېلىپ مەبلەغ سېلىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، پورتنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن پىششىقلاش سودىسى قاتارلىق «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، پۇل مۇئامىلە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، گۈزەل ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.
ياڭ شيۇلى قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)