زۇمرەت ئوبۇل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 1- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ مەزمۇنى مول، خۇلاسىلەنگەن نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، گۇرۇپپا- گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ۋەزىپىلەردە پىكىر يولى ئېنىق، تۈرلۈك تەدبىرلەر ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئاممىغا يېقىن، ھارارەتكە تولغان بولۇپ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى «يېڭى بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، «سۈپەت» ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، مىسلىسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئالدىن پىلانلاپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: 2025- يىلى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان ۋە «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى پىلانلايدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2025- يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، نىشان ئېنىق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك، تەدبىرلەر كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بوپتۇ. بورتالا ئوبلاستى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پورتنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ساياھەت بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قىش پەسىللىك قار- مۇز ساياھىتى قاتارلىق خاس ساياھەتچىلىكنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى كېرەك. مەۋقەنى ئېكولوگىيە- مۇھىت ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بورتالا ئوبلاستىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك. بورتالا ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پورت ئىقتىسادىغا دائىر نىزام چىقىرىش تەتقىقاتىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق پورتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)