جاڭ جۇ ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
19:54:27 2025-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جاڭ جۇ ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) 1- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

 ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاڭ جۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2024- يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن خىزمەت نەتىجىلىرى، جۈملىدىن ئالدىنقى ئىككى يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر توققۇز جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ بىرنەچچە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدە ئەمەس، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئەكس ئەتكىنى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر پۈتۈن، چوڭقۇر قاتلاملىق قاراشنىڭ يۈكسەلگەنلىكى، پىكىر يولىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ۋە ئىشەنچنىڭ قايتا تىكلەنگەنلىكى بولدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، نىشانى ئايدىڭ، پىكىر يولى ئېنىق بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلەنگەن، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

 جاڭ جۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىشەنچنى چىڭىتىش، كىشىنى روھلاندۇرۇش داۋامىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەش كېرەك، مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ باش ئورۇندا تۇرۇش دەرىجىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا يېقىننى ئىگىلىدى، مەركىزىي شەھەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى- ئۈنۈمىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم. ئىسلاھاتنى يېتەكچى قىلىپ، بىرىكتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى سەپلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، قابىل ھۆكۈمەت بىلەن ئۈنۈملۈك بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا تېخىمۇ مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، سىياسەت كۆزنىكىنى ئىگىلەپ، كونكرېت تۈرلەرنى پىلانلاپ، تېز بېجىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ياخشى سىياسەتنى ياخشى تۈرگە ئايلاندۇرۇش، ياخشى تۈردە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، قەرزنى تۈگىتىش بىلەن تەرەققىياتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، «ھالسىرىغان» مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، «قاتتىق ئۇيقۇدىكى» مۈلۈكنى قوزغىتىپ، مالىيەنى بىرتۇتاش پىلانلاش بىلەن قەرزنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈچلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، يولغا قويۇش تەدبىرى بولۇش، ھەرىكەت كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تىرىشىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا زەربىدار بولۇش، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش كېرەك.

 مەمتىمىن قادىر مۇزاكىرىگە قاتناشتى. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125