چېن مىڭگو قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
19:58:29 2025-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 چېن مىڭگو قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى 

 تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى جيانى) 1- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

 چېن مىڭگو مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 2024- يىللىق خىزمەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، خۇلاسىلىنىپتۇ، بولۇپمۇ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چۆرىدىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، ئىككى تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىش، تەڭ ئىلگىرىلەش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپتۇ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزە شىنجاڭدا تېخىمۇ چوڭقۇر نامايان قىلىنىپتۇ. جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قانۇنچىللاشتۇرۇلۇپ، دائىملاشتۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپتۇ. دوكلاتتا نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپتۇ، نىشان- تەدبىرلەر ئەمەلىي، قوللىنىشچان بوپتۇ، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

 چېن مىڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرىغا بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 چېن مىڭگو مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى، 2024- يىلى پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، شىنجاڭ ساياھەت چوڭ رايونىدىن ساياھەت كۈچلۈك رايونىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، ئادىمىيەت جۇغلانمىسى چوڭقۇر، ساياھەت بايلىقى مول توپلانغان بولۇپ، بۇلتۇر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بازىرىدا شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، 2025- يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125