ئاپتونوم رايوننىڭ قىسمەن رەھبەرلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
تيەن شياڭلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپى زىچ چۆرىدىلىپ، 2024- يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپ، 2025- يىللىق ۋەزىپىلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە، ساغلام، تەرتىپلىك بولغان تەرەققىيات مۇھىتى ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئۇنىڭدىكى تەدبىرلەر ئەمەلىي بولۇپ، يۆنىلىش بار، نىشان بار، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى. پۈتۈن شىنجاڭدا %77تىن ئارتۇق مالىيە چىقىمى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇندى. تىنچ- ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى رازى بولۇش دەرىجىسى %99.42كە يەتتى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى سىجىل كۈچەيدى.
يۈسۈپجان مەمەت قومۇل شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى، باش تېمىسى روشەن بولۇپ، نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلەنگەن، مەسىلىلەر چوڭقۇر، ئېنىق تەھلىل قىلىنغان، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى. شىنجاڭ مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرلىرى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋەزىنلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. قومۇل شەھىرى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرەققىيات نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپلەر توپى تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلامدىن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ يەكۈنلەنگەن بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى نامايان قىلىنىپتۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى نامايان قىلىنىپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، نىشان ئېنىق، سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بوپتۇ، بىز ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تۇرپان شەھىرى بۇلتۇر تۈرلۈك خىزمەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ئالدىدا، تېخىمۇ كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق چىڭ تۇرۇش بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. مەۋقەنى رايوننىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بويىچە ئالدىن يولغا قويۇش رايونى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا دائىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
ۋاڭ لىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 2024- يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مول نەتىجىلەر تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن 1- لىكنى تالىشىپ، تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە ماھىيەتلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سانجى ئوبلاستىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئۆزگىچە، كەسىپ ئاساسى پۇختا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شەرقىي جۇڭغارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاۋاتقانلىقىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى زورايتىپ، شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بايلىقنى تەكشى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىشى كېرەك. ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
(مۇخبىرلار جاڭ لېي، رايىدە، فەن چيۇڭيەن، يەن شياۋتيەن، جاڭ شيۇ، مېھرىگۈل غوپۇر)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)