ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدىن بۇيان 579 پارچە تەكلىپ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى
20:31:21 2025-01-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدىن بۇيان 579 پارچە تەكلىپ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، لى ياڭ) ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدىن بۇيان، جەمئىي 997 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 579 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، 89 ئورۇن تەكلىپنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالدى، بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 بولدى.

 بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نىشان يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ ساندىن سۈپەتكە ئۆزگىرىشىنى، يىغىندىن بۇرۇن توپلاشتىن پۈتۈن يىللىق تەشكىللەشكە ئۆزگىرىشىنى، «مەن تەكلىپ بېرەي، سىز بېجىرىڭ»دىن كېڭىشىپ بېجىرىشكە ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىنى سىجىل ياراتتى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇھىم ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. 2024- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 13 پارچە نۇقتىلىق تەكلىپى، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ 142 پارچە نۇقتىلىق تەكلىپى، ھەرقايسى ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ 772 پارچە نۇقتىلىق تەكلىپىنى بىردەك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي يولداشلار بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئومۇميۈزلۈك ھەمتۈرتكە بولۇنغان بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125